باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى ئومۇمىيۈزلۈك ۋە ئىنچىكە تەييارلىق كۆرۈپ مەككەگە كەلگەن ھاجىلارنى كۈتىۋالدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-09-18   
ئۆز خەۋىرىمىز: ھاجىلار مەدىنەدىكى پائالىيەتلىرىنى تۈگىتىپ مەككەگە كېلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ ياتاق، تاماق ۋە قاتناش ۋاستىلىرى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئومۇمىيۇزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 9-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە، ئۆمەك باشلىقى مۇستافا ياڭ جىبو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەككە ھەج خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى باشلاپ ھاجىلارنىڭ تۇرالغۇسىنى يەنە بىر قېتىم ئومۇمىيۈزلۈك ۋە ئىنچىكە تەكشۈردى.
    9-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، بىرىنچى تۈركۈمدىكى جۇڭگو ھاجىلىرى مەككەگە ئامان-ئېسەن يېتىپ كەلدى. جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى مۇستافا ياڭ جىبو ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ئامىر جاڭ گۇاڭلىن، ئابدۇۋاھاب سوڭ ئېنلىن قاتارلىقلار ھاجىلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇلارنى قىزغىن كۈتىۋالدى.
بىرىنچى تۈركۈمدىكى ھاجىلارنىڭ سانى 591 نەپەر، ھەممىسى نىڭشىيالىق ھاجىلار بولۇپ، ئۇلار ئايرىم ئايرىم ھالدا 14 ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ مەككەگە يېتىپ كەلدى. باش ئۆمەك رەھبەرلىرى ۋە مەككەدىكى بارلىق خىزمەتچىلەر بىرلىكتە ئۇلارنى كۈتىۋالدى، ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ يۈكتاقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ئۇلارنىڭ ياتىقىغىچە ئەكىرىپ قويدى. كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق ھاجىلار تىزلا ئۆزلىرىنىڭ ياتىقىغا ئۇرۇنلىشىپ ئارام ئالدى.
   9-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن 1-تۈركۈمدىكى يۈننەنلىك ھاجىلار مەككەگە يېتىپ كەلدى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەر ئالدىغا چىقىپ كۈتىۋالدى.
(مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر خەۋىرى؛ تەھرىرلىگۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر