باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

2014-يىللىق ھەج تەييارلىق خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-09-02   
ئۆز خەۋىرىمىز: جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ھەج خىزمىتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، مەملىكىتىمىزدىن 2014-يىللىق ھەج تاۋاپقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئادەم سانى 14500 نەپەر بولۇپ، ئۇلار مەملىكىتىمىزنىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىئاتسىيەسى، جەنۇبى جۇڭگو ئاۋىئاتسىيەسى، شەرقى جۇڭگو ئاۋىئاتسىيەسى قاتارلىق 3 ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايرۇپىلانى بىلەن بېيجىڭ، ئۈرۈمچى، لەنجۇ، يىڭچۈەن، كۈنمىڭ قاتارلىق 5 ئېغىزدىن جەمئىي 94 ئايرۇپىلان بىلەن(بېرىش-كېلىش) ھەج تاۋاپقا چىقىدىكەن. 1-قېتىملىق ئايرۇپىلان 9-ئاينىڭ 5-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قاراپ يولغا چىقىدىكەن.
   2014-يىللىق ھەج خىزمىتىنىڭ ھەرخىل تەييارلىق خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئىشلەنمەكتە. 8-ئاينىڭ 15-كۈنى باشلانغان ھەج تاۋاپقا ۋىزا قويدۇرۇش خىزمىتى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ۋە ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ ئاكتىپ ماسلىشىشى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى ئۆمىكى ھەج تاۋاپقا ۋىزا قويدۇرۇش، ئايرۇپىلان بېلىتى ئورۇنلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ كېچە-كۈندۈز تىرىشىشى بىلەن، ھەرخىل ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ھازىرغىچە %70 خىزمەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.
 بۇ يىللىق مەملىكىتىمىزنىڭ ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىگە جەمئىيىتىمىزنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا ياڭ جىبو ئۆمەك باشلىقى، جەمئىيىتىمىز خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مۇسا چېن يۈلۇڭ باش كاتىپ بولدى. باش ئۆمەك خادىملىرى ئىككى نۆۋەتكە بۆلۈنۈپ يولغا چىقتى. 8-ئاينىڭ 22-كۈنى باش كاتىپ مۇسا چېن يۈلۇڭ 10كىشىنى باشلاپ ئالدىنقى تەييارلىق خىزمەتلىرى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يولغا چىققانىدى، 8-ئاينىڭ 28-كۈنى جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى مۇستافاياڭ جىبو، مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى لى گې قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىقىدا 2-تۈركۈمدىكى باش ئۆمەك خىزمەتچىلىرىنى باشلاپ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قاراپ يولغا چىقتى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن بەدرىددىن گوچېڭجېن، ئىبراھىم خوڭ چاڭيۇ، ئادىل ھاجى كېرىم قاتارلىق رەھبەرلەر ئايرودرۇمغا چىقىپ ئۇزۇتۇپ قويدى. ئىگىلىنىشىچە، باش ئۆمەك خىزمەتچىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ھەرخىل تەييارلىق خىزمەتلىرىنى جىددىي ئىشلەۋېتىپتۇ. (ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر