باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەزىيەنامە

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-08-01   
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
جەمئىيتىمىزنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمام-خاتىپى جۈمە تاھىر داموللىنىڭ قەستكە ئۇچراپ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ بەكلا ھەيران قالدۇق ھەم قاتتىق قايغۇردۇق!
مۇئاۋىن رەئىسىمىز جۈمە تاھىر داموللا جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر، بىلىملىك زات ئىدى؛ ئۆمۈربويى ۋەتەننى سۆيۈپ، دىننى سۆيۈپ، ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ بەندىلەرنى ياخشى كۆرۈپ كەلگەنىدى؛ ئىسلام دىنىنىڭ روھىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى قوغداش، ئىسلام دىنى ئىشلىرىمىزنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپىلەرنى قوشقانىدى. ئۇنىڭ ۋاپات بولۇشى دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زور يوقىتىش.
ئىسلام دىنى تىنچىلىق دىنى؛ تىنچلىقنى، ئوتتۇراھال يول تۇتۇشنى، ئىتتىپاقلىق ۋە كەڭ قورساقلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان دىن. مۇئاۋىن رەئىسىمىز جۈمە تاھىر داموللىنى قەستلەشتەك ئىسلام دىنىغا تۈپتىن خىلاپ بولغان بۇنداق زوراۋانلىق قىلمىشقا قاتتىق غەزەبلىنىمىز ھەم ئۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز؛ مەملىكىتىمىزدىكى ئىسلام دىنى ساھەسى ۋە مۇسۇلمان ئاممىنى جۈمە تاھىر داموللىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا ئېتىقاد، توغرا پائالىيەتتە بولۇپ، ئەسەبىيلىكتىن ساقلىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇپ، دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرىمىز.
جۈمە تاھىر داموللا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ئېغىر ماتەم ئىچىدە ھال سورايمىز!
مەرھۇم جۈمە تاھىر داموللا ئىسلام يولىدا ھاياتىنى قۇربان قىلدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلىپ، ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي!
ئامىن!
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى
2014-يىل 7-ئاينىڭ 31-كۈنى
يەنە >>سۈرەتلەر