باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتى ئۇيغۇرچە تور بېتى ئېچىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-07-08   
 
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى 10 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەننىڭ ئېلان قىلىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسى ئۇزۇندىن بېرى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە ئىسلام تور بېكىتى− جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتى ئۇيغۇرچە تور بېتى رەسمىي ئېچىلدى. مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى 2-مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما لىخۇەي، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە دەرىجىلىك كۈزەتكۈچىسى خېي دېكۈن قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ يىجىيۇڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىگە ۋاكالىتەن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتى ئۇيغۇرچە تور بېتى يېڭى تارقىتىش ۋاستىلىرىنىڭ ئېقىمىغا ماسلىشىپ، كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ دىنى سىياسەت ۋە دىنى بىلىملەرگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، مۇسۇلمان ئاممىسغا مۇلازىمەت قىلىش يوللىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى كېڭەيتىش، ئىسلام دىنى تەلىماتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنى ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقى روھىنى توغرا چۈشىنىشكە يېتەكلەش، ھەقىقەتكە ئەگىشىپ، ئازغۇنلۇقنى تۈگىتىش، خاتا چۈشەنچە ۋە بىر تەرەپلىمىلىكنى يوقىتىش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى توسۇش، زوراۋانلىق، تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، دىنلار ئارا ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشتىن ئاخىر توغرا تور باشقۇرۇش نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، تورنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، تور باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، تور بېكىتىنىڭ نوپۇزىنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. نۆۋەتتە مەركەزنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى مۇھاكىمە يىغىنىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ھەققىدىكى فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى ئەتراپلىق چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، ئىسلام دىنىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىقنى قەدىرلەش روھىنى تەشۋىق قىلىپ، ئەقىل پاراسىتىمىز، كۈچ-قۇۋۋىتىمىزنى ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە تۇرمۇشنى ياخشىلاشقا مۇجەسسەم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تىنچلىقى ۋە ئەبەدى ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ زور توھپىلەرنى قوشىشىمىز كېرەك.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا خېي دېكۈن دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتى ئۇيغۇرچە تور بېتىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەمدە مەزكۇر تور بېتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدە ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قۇشۇمچە باش كاتىپى گو چېڭجېن سۆز قىلىپ، مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتى ئۇيغۇرچە تور بېتىنىڭ ئېچىلىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بولۇپمۇ رامىزان ئېيى مەزگىلىدە تور بېكىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتى ئۇيغۇرچە تور بېتى “خەۋەرلەر”، “دىن ۋە ھايات”، “دىن ۋە مەدەنىيەت”، “ئائىلە ۋە جەمئىيەت”، “ۋەز-تەبلىغلەر” ۋە “قانۇن-نىزام” قاتارلىق سەھىپىلەرنى تەسىس قىلغان بولۇپ، سۈرەت ۋە ۋېدىيونى بىرىكتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق روھىنى ئىجابى نۇقتىدىن تەشۋىق قىلىپ مۇسۇلمان ئاممىسىنى توغرا ئىتىقاد ۋە توغرا ئىش ھەرىكەتكە يېتەكلەيدۇ.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىنىستىتوتىنىڭ بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلىرى، بېيجىڭ شېنجۇ جىۋېي كومپىيوتىر شىركىتىنىڭ رەھبەرلىرى قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
 
يەنە >>سۈرەتلەر