باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاڭ يىجيۇڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتى ئۇيغۇرچە تور بېتىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-07-08   
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە:
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتى ئۇيغۇرچە تور بېتىنىڭ ئېچىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن مەن مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىگە ۋاكالىتەن بۇ تور بېتىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا سەمىمىي سالام يوللايمەن!
 جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي تەشكىلاتى ۋە دىنىي ئىشلار تەشكىلاتى بولۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت بىلەن مۇسۇلمانلار ئاممىسى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ كەلمەكتە. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى «ۋەتەننى سۆيۈش ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر» دېگەن ئېسىل ئەنئەنىگە ئىزچىل ئەمەل قىلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي خىزمەت فاڭجېنى ۋە سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ئاكتىپ ياردەملىشىپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تەڭ ئاتلاندۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى.
ئۇيغۇرلار جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇرلار كۈندىلىك تۇرمۇشىدا قوللىنىدىغان ئاساسلىق تىلدۇر. بۇ قېتىم جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تورى ئۇيغۇرچە بېتىنىڭ ئېچىلىشى يېڭى مېدىيا تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلىشىش، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي سىياسەت ۋە دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا خىزمەت قىلىش يولى ۋە ئۇسۇلىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى. مەزكۇر تور بېتى ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ مۇسۇلمان ئاممىنى ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي روھىنى توغرا چۈشىنىشكە يېتەكلەش، ھەقىقەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئازغۇنلۇققا خاتىمە بېرىش، خاتا چۈشەنچە ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى تۈگىتىپ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى چەكلەش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرچە تور بەتنىڭ رولىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تورنى توغرا باشقۇرۇپ، تورنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، يېڭى ئۇسۇللارنى سىناق قىلىپ، بۇ تورنىڭ نوپۇزى، تەسىرى ۋە جەلىپكارلىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. نۆۋەتتە مەركەزنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى مۇھاكىمە يىغىنى روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ھەققىدىكى فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى ئەتراپلىق چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، ئىسلام دىنىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىقنى قەدىرلەش روھىنى تەشۋىق قىلىپ، ئەقىل-پاراسىتىمىز، كۈچ-قۇۋۋىتىمىزنى ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تۇرمۇشنى ياخشىلاشقا مۇجەسسەم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تىنچلىقى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ۋە جۇڭگو ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىمىز كېرەك!
جاڭ يىجيوڭ
(مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى)
2014-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى
يەنە >>سۈرەتلەر