باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللىرى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ”دۇنيا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلار“ يىغىنىغا قاتناشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-05-03   

تۈركىيە دىن ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ما جۇڭپىڭ باشچىلىقىدىكى تۆت كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ”ئاساسلىق قىيىن مەسىلىلەر، ھەل قىلىش تەكلىپى، ھەمكارلىق پۇرسىتى“ باش تېما قىلىنغان دۇنيا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.

دۇنيادىكى 100دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 250دىن ئارتۇق مۇپتى، دىنىي ئالىم، دىنىي زات ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئەردۇغان، زۇڭلىسى ئەلى يىلدىرىم، پارلامېنت باشلىقى ئىسمايىل قەھرىمان قاتارلىق تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. تۈركىيە دىن ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، مۇئاۋىن مىنىستىرلىرى، ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ مۇفتىسى قاتارلىق تۈركىيەنىڭ ھۆكۈمەت ئەربابلىرى ۋە دىنىي ئالىملىرىمۇ يىغىنغا قاتناشتى.

ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر باش تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئەركىن پىكىر قىلىپ، ئۆز دۆلىتىدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالى، ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ رولى، ئۇچرىغان مەسىلىلەر، ھەل قىلىش ئۇسۇلى ۋە توپلىغان تەجرىبىلىرىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇردى. يىغىن گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. مۇھاكىمە جەريانىدا ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يۇقىرى سەۋىيەلىك دىن ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، ئوتتۇرھاللىقنى تەشەببۇس قىلىش، تىنچلىقنى قوغداش قاتارلىق بىر قاتار تېمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، پىكىر ۋە تەجرىبە ئالماشتۇردى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ما جۇڭپىڭ، ۋېن جىيەن ، مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر يىغىندا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ”دەۋرىمىزدىكى جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار“، ”جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى“، ”جۇڭگو دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان دىنى خادىملارغا موھتاج “ دېگەن تېمىلاردا سۆز قىلدى. جۇڭگو ۋەكىللىرىنىڭ سۆزى يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

(تەرجىمە قىلغۇچى:مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)
تۈركىيە دىن ئىشلىرى مىنىستىرى ئەلى ئەرباش بىلەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ما جۇڭپىڭ قىزغىن كۆرۈشمەكتە
تۈركىيە دىن ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى سەلىم ئارقۇن ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

يەنە >>سۈرەتلەر