باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۇڭ ئېنلىن ئىراندا ئۆتكۈزۈلگەن 31-نۆۋەتلىك ئىران ئىسلام ئىتتىپاقى خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-12-12   

2017-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇڭ ئېنلىن تەكلىپكە بىنائەن، ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن ”31-نۆۋەتلىك ئىران ئىسلام ئىتتىپاقى خەلقئارا يىغىنى“غا قاتناشتى. يىغىن مەزگىلىدە، ئىراننىڭ دىنىي داھىيسى بۈيۈك ئاياتۇللاھ ئىمام خامەنەئىي ۋە ئىران زۇڭتۇڭى ھەسەن روھانىينىڭ كوللىكتىپ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى.

بۇ قېتىمقى يىغىن ”ئىتتىپاقلىق ۋە ئىسلام زامانىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئېھتىياجى“نى باش تېما قىلغان بولۇپ، 70 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن نوپۇزلۇق ئالىملاردىن 500 دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى. ئۇلار نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق جىددىي ۋەزىيەت ئاستىدا، قانداق قىلىپ ئىسلام دىنىنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە كەڭ قورساقلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىناقلىقى ۋە رايونلارنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئورتاق مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

ئىران زۇڭتۇڭى ھەسەن روھانىي يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، يىغىن مەزگىلىدە، ئىراننىڭ دىنىي داھىيسى ئاياتۇللاھ خامەنەئىي بارلىق يىغىن قاتناشچىلىرى بىلەن مەخسۇس كۆرۈشتى ھەم سۆز قىلدى. 

(خەن جىنجۇڭ خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر