باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاخىرقى بىر تۈركۈم ھاجىلار ۋەتەنگە قايتتى، دۆلەت سىرتىدىكى ھەج خىزمىتى ئۆمىكى ئۆز ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-09-22   

2017-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچ سائەت 7 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ئاخىرقى بىر تۈركۈم ھاجىلىرىمىزنى توشۇيدىغان CA9572 نۆۋەتلىك مەخسۇس ئايروپىلان  جىددە ئايروپورتىدىن قوزغالدى، شۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىزدىن بارغان12 مىڭدىن ئارتۇق ھاجى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئايرىلىپ ۋەتەنگە سالامەت قايتتى. ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ھاجىلار 367 نەپەر بولۇپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېيلۇڭجياڭ، شەندۇڭ، جياڭسۇ قاتارلىق 15 ئۆلكە، شەھەردىن بارغان مۇسۇلمانلاردۇر. گەنسۇ ئۆمىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ھاجىلىرىنى توشىغان CA9564 نۆۋەتلىك مەخسۇس ئايروپىلان شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن 3 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە قوزغالغان بولۇپ، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى رەھبەرلىرىدىن ئادىل ھاجى كېرىم، لى گې، ۋېن جيەن، چاڭ چىڭلياڭ  قاتارلىقلار  ئايروپورتقا چىقىپ ھاجىلارنى ئۇزاتتى.

2017-يىلدىكى ھەج پائالىيىتى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تومۇز ئىسسىق پەسلىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، كۈندىلىك تېمپراتورا 45 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولدى. بۇ يىل دۇنيا بويىچە 2 مىليون 350 مىڭ مۇسۇلمان ھەج قىلغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن 490مىڭ ئادەم كۆپىيىپ، 2012-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى،  بۇمۇ  بۇ يىلقى ھەج خىزمىتىگە  ئېغىر بېسىم  ئېلىپ كەلدى.

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقى، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، دۆلىتىمىزنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئەلچىخانىسى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە يېتەكچىلىكى ئاستىدا ”بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ ھەج پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش“ نىشانىنى ئاساس قىلىپ، جىددىي ۋەزىيەتنى تولۇق مۆلچەرلەپ، تۇيۇقسىز ئەھۋاللارغا ئالدىن تەييارلىق قىلىپ، ”ئۆلكىلەر بويىچە مەسئۇل بولۇش، خىزمەت سالمىقىنى تارماقلارغا چۈشۈرۈش“ ئۇسۇلىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، دىنىي يېتەكچىلىك، بىخەتەرلىك، داۋالاش، كېسەلدىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئارقاپ سەپ مۇلازىمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ھاجىلىرىمىزنىڭ ” قولايلىق، راھەت، بىخەتەر“  ھەج قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلىتىمىز ھاجىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ماختىشى، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغائېرىشتى.       

(سوپىيە خەن شۆلي خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى بارات ھاجى رەجەپ)

گەنسۇ ھاجىلىرى ئايروپىلان كۈتۈش زالىدا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى كۈتۈپ رەتلىك تۇرماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋاقتى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچ سائەت 7 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاخىرقى بىر تۈركۈم ھاجىلىرىمىزنى توشۇيدىغان CA9572 نۆۋەتلىك مەخسۇس ئايروپىلان جىددە ئايروپورتىدىن قوزغالدى.

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى رەھبەرلىرى خىزمەتچى خادىملار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى رەھبەرلىرى گەنسۇ ئۆمىكى رەھبىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

يەنە >>سۈرەتلەر