باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى رۇسىيە قازاندا ئۆتكۈزۈلگەن «يىپەك يولى روھى: بىرلىكتە بەرپا قىلىش ۋە قوشۇلۇش» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12   

رۇسىيە مۇپتىلار كېڭىشىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ باشچىلىقىدىكى بەش كىشىلىك ئۆمەك 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى قازاندا ئۆتكۈزۈلگەن «يىپەك يولى روھى: بىرلىكتە بەرپا قىلىش ۋە قوشۇلۇش» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى. مۇھاكىمە يىغىنىغا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئابدۇللا ئەمىن جىن رۇبىڭ، ئابدۇۋاھاپ سۇڭ ئېنلىن ۋە مۇئاۋىن باش كاتىپى مۇسا چېن يۈلوڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

بۇ قېتىملىق يىغىننى رۇسىيە تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن رۇسىيە مۇپتىلار ھەيئىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، رۇسىيە، جۇڭگو، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن دىنىي داھىيلار، دىنىي ئىشلار مەسئۇللىرى، مۇسۇلمان ئالىملار قاتناشتى. دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يەنتۇڭ باشچىلىقىدىكى ئالتە كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىمۇ بۇ يىغىنغا قاتناشتى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا «يىپەك يولى روھى: بىرلىكتە بەرپا قىلىش ۋە قوشۇلۇش» تېمىسى ئاساس قىلىنىپ، «ئىسلام دىنى پىرىنسىپىدىكى بىرلىكتە بەرپا قىلىش ۋە قوشۇلۇش روھى»، «دىنىي تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا تەسىر ۋە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىككە تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرى»، «يىپەك يولىدىكى ئىسلام: تارىخ ۋە بۈگۈن»، «ياۋروئاسىيا مەدرىس مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى: ئەنئەنە ۋە بۈگۈن» قاتارلىق تېمىلار مۇھاكىمە قىلىندى. رەئىس ھەسەن ياڭ فامىڭ بىلەن مۇئاۋىن رەئىسلەردىن ئابدۇللا ئەمىن جىن رۇبىڭ، ئابدۇۋاھاپ سۇڭ ئېنلىن قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا «تۇتاش قەلبلەر ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ تەرەققىي تاپايلى»، «جۇڭگودىكى سالا مىللىتى‐ يىپەك يولىدىكى ئۆزگىچە مەنزىرە»، «جۇڭگو مەدرىس مائارىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇدى.

بۇ قېتىمقى يىغىن 2016-يىلى7-ئايدا، جۇڭخۇا دىن مەدەنىيىتى ئالاقە جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بىرلىشىپ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن «ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرھاللىق ئىدىيەسى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى»دىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق يىغىن ھېسابلىنىدۇ.

يىغىننىڭ قارار لايىھەسىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دىنىي ئەسەبىيلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن ئېغىر مەسىلە، مەزكۇر دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت ۋە خەلق دىنىي ئەسەبىيلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇشى، ئەسەبىي ئىدىيەلەرنى رەت قىلىپ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشى ۋە ئىسلامنىڭ ھەقىقىي قىممەت قارىشىنى قوغدىشى لازىم؛ ئىسلامدىكى ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىنى قوغداپ، ئەسەبىيلىككە تاقابىل تۇرۇشتا ئىسلام مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم رولى بارلىقىنى تونۇپ، زامانغا ماسلاشقان يۇقىرى سەۋىيەلىك دىنىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈش لازىم. قاراردا يەنە 3-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىنى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىن مەزگىلىدە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللىرى بىلەن رۇسىيە مۇپتىلار كېڭىشى ئەزالىرى خىزمەت سۆھبىتى ئېلىپ باردى، ھەر ئىككى تەرەپ بۇنىڭدىن كېيىن دوستلۇق ئالاقىسىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت، تەتقىقات، مائارىپ ئىشلىرىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

 

يەنە >>سۈرەتلەر