باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

ھۆددىگە ئالغان ھەج ئايروپىلانىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە قىلچە بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-09-09   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خەۋىرى:2017-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى قايتىش سەپىرىدىكى ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلاننىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئۈستىدە جىددىي خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، دۆلىتىمىز ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلاننىڭ يۈك-تاق بىخەتەرلىكىگە قارىتا يېڭى تەلىپىنى ئېلان قىلىپ، قايتىش سەپىرىدىكى ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلاننىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى. يىغىن ھەرقايسى يەرلىك ئۆمەكلەرنىڭ سىياسىينى تەكىتلەش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش يۇقىرىلىقىدا تۇرۇپ، ئادەمنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىش روھى بىلەن قايتىش سەپىرىدىكى ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلاننىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ”داۋاملىق تۈردە باش ئۆمەك نازارەت قىلىش، ئۆلكىلىك(ئاپتونوم رايونلۇق) ئۆمەك مەسئۇل بولۇش، تارماق ئۆمەك ئەمەلىيلەشتۈرۈش“ خىزمەت مېخانىزمى بويىچە، ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىپ، ئازراقمۇ بىپەرۋالىق، بىخەستەلىككە يول قويماي، قايتىش سەپىرىدىكى ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلاننىڭ ساق-سالامەت، ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

(ما يۈفېي خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر