باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ھۆددىگە ئالغان ھەج ئايروپىلانى دۆلەتكە قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-09-09   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خەۋىرى: 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ، يۈننەن، نىڭشيالىق ھاجىلار ئولتۇرغان  ھۆددىگە ئالغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 3 ھەج ئايروپىلانى دۆلەتكە قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقتى. جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئادىل ھاجى كېرىم، لى گې، بۇرھان چاڭ چىڭلىياڭ قاتارلىقلار جىددە ھاجىلار ئايروپورتىغا چىقىپ ھاجىلارنى ئۇزاتتى ھەم توشۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى، جەنۇبىي ئاۋىياتسىيەسى، شەرقىي ئاۋىياتسىيەسىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن بىخەتەرلىك، يۈك-تاق توشۇش، ھاجىلارنى ئايروپىلانغا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى.

شىنجاڭ ھەج ئۆمىكىنىڭ باشلىقى تۇرغان پىدامۇ ئايرودۇرۇمغا چىقىپ شىنجاڭ ئۆمەكتىكى ھاجىلارنى ئۇزاتتى.

(ما يۈفېي خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر