جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خەۋىرى: 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ بىر تۇتاش تەشكىللىشى ئاستىدا، دۆلىتىمىزنىڭ 12مىڭ 500دىن ئارتۇق ھەج قىلغۇچىلىرى بەش قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك يۆتكىلىشنى ئوڭۇشلۇق تۈگىتىپ، 5 كۈن داۋاملاشقان پەرز ھەج ئىبادىتىنى تولۇق ئادا قىلدى.
پەرز ھەج مەزگىلىدە، ھەج ئۆمىكى ئوتتۇرھال تېمپېراتۇرىسى 45 گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئىسسىق ھاۋانى، 2012-يىلىدىن بۇيانقى ھەج قىلغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان يۆتكىلىش قىيىنچىلىقى قاتارلىقلارنى يېڭىپ ”بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ھەج پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاش“ خىزمەت نىشانىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ ”ھەر قايسى ئۆلكىلىك ھەج خىزمىتى ئۆمىكى ئۆز ھاجىلىرىغا مەسئۇل بولۇش، خىزمەت سالمىقىنى ھەر قايسى ئۆمەككە چۈشۈرۈش“ خىزمەت ئۇسۇلىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ”جىددىي خېيىم-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، دىجورنىلىق قىلىش ۋە يول كۆرسىتىش“ تەك مۇھىم خىزمەت نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، دىنىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىش، ھەج قىلغۇچىلارنى توشۇش، بىخەتەرلىك ۋە قوغدىنىش، داۋالاش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئارقا سەپ تەمىناتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردە ھەج قىلغۇچىلار ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇلازىمەت قىلدى، 5 قېتىملىق يۆتكىلىشنىڭ ھەممىسىدە سۈرئەت تىز، تەرتىپلىك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلدى؛ 12 مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق تاماقنى دەل ۋاقتىدا، يېتەرلىك مىقداردا تارقىتىپ بەردى؛ ھالقىلىق يول ئېغىزلىرىدا 24 سائەت دىجورنىلىق قىلىش ۋە يول كۆرسىتىشكە مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇردى؛ داۋالاش خادىملىرى 24 سائەت دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئېلىپ باردى، كېسىلى ئېغىر بىمارلارغا مەخسۇس ئادەم قويۇپ قارىدى، ئىز قوغلاپ يۈرۈپ داۋالىدى. ئاراپات كۈنى ھەج قىلغۇچىلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ ۋەتەننىڭ گۈللەپ-ياشنىشى، مىللەتلەرنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق، ئائىلىسىنىڭ بەخت-سائادەتلىك بولۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشتى.
نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز ھەج قىلغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى مەككەدىكى تۇرالغۇسىغا قايتىپ كېلىپ ئارام ئېلىۋاتىدۇ، 9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتىپ، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يۇرتداشلىرى بىلەن جەم بولىدۇ.
(ما يۈفېي خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)