باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

دۆلىتىمىزنىڭ جىددە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ئەنۋەر ھەبىبۇللا سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج ئىشلىرى ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم دۆلىتىمىزنىڭ ھەج قىلغۇچىلىرىنى يوقلىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-08-31   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خەۋىرى: 2017-يىلى8-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ جىددە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ئەنۋەر ھەبىبۇللا جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى رەھبەرلىرىدىن ئادىل ھاجى كېرىم، لى گې، ئىمادىدىن ۋېن جىيەن قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج ئىشلىرى ۋەزىرى مۇھەممەد بەنتىن بىلەن كۆرۈشتى.

بۇ باش كونسۇلنىڭ 8-ئاينىڭ 20-كۈنى دۆلىتىمىز ھەج قىلغۇچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج ئىشلىرى مۇئاۋىن ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپنىڭ خىزمىتىنى ئىشلىشى بولۇپ سانىلىدۇ.

كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن، باش كونسۇل ئەنۋەر ھەبىبۇللا باش ئۆمەكنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق ئۆمەك رەھبەرلىرىدىن تۇرغان پىدا، دەي جۈنفېڭ، خەي شىئەن، بەي جىخۇي قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا، يۈننەن، شەنشى، ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ قاتارلىق ئۆمەكلەرگە بېرىپ، ھەج قىلغۇچىلاردىن ھال سورىدى، ھەج قىلغۇچى ئامما، خىزمەتچى-خادىملار بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشتى ھەم داۋالاش بۆلۈمىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈردى.

يۇقىرىدىكى ئىككى پائالىيەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، باش كونسۇل ئەنۋەر ھەبىبۇللا ئۆمەك رەھبەرلىرى بىلەن بۇ يىللىق ھەجنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى، ھەج ئۆمىكىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتى قاتارلىق تەرەپلەردە پىكىر ئالماشتۇردى.

(ما يۈفېي خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر