باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى رەھبەرلىرى دۆلىتىمىز ھەج ئۆمىكىنىڭ خەۋپسىزلىك خىزمىتى ئالاقىسى مېخانىزمىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مەككە ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-08-31   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خەۋىرى:2017-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى رەھبەرلىرىدىن لى گې، بۇرھان چاڭ چىڭلىياڭ قاتارلىقلار مەككە ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى فەھەد مۇتلەق ئۇسەيمى بىلەن كۆرۈشۈپ، دۆلىتىمىز ھەج ئۆمىكىنىڭ خەۋپسىزلىك خىزمىتى ئالاقىسى مېخانىزمىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى.

لى گې ئالدى بىلەن مەككە ساقچى ئىدارىسىنىڭ دۆلىتىمىز ھەج ئۆمىكى تۇرالغۇ بىناسىغا بىخەتەرلىك مۇھاپىزەتچىلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىگە ۋە دۆلىتىمىز ھەج قىلغۇچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى، بۇ يىل جۇڭگولۇق ھەج قىلغۇچىلار مەككەدە ئوغرىلىق ۋە بۇلاڭچىلىققا ئوخشاش ئامانلىق مەسىلىلىرىگە بىرەر قېتىممۇ يولۇقۇپ باقمىدى، بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇلاھىزە قىلغاندا، ھەج ئۆمەكنىڭ تەربىيە ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى ھەم مەككە ساقچى تەرەپنىڭ زور كۈچ  بىلەن قوللىشىدىندۇر. ئۇ بۇ يىللىق پەرز ھەج ۋە ھەجدىن قايتىش مەزگىلىدە، داۋاملىق ساقچى تەرەپنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى، دۆلىتىمىز ھەج قىلغۇچىلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مەككە ساقچى تەرەپ بىلەن ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قويۇق ئالاقە مېخانىزمى تۇرغۇزۇشنى ۋە بۇنى بۇندىن كېيىنكى خىزمەتتىكى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىدارە باشلىقى فەھەد ئالدى بىلەن جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، كۆرۈشۈشكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىر ئۇلۇغ دۆلەت، جۇڭگولۇق ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ساپاسى يۇقىرى بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، ئەزەلدىن قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىش يۈز بېرىپ باقمىدى. بۇنى جۇڭگو ھەج خىزمىتى ئۆمىكىنىڭ ئۈنۈملۈك خىزمىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇ يەنە ھەج قىلغۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش بىزنىڭ شەرىپىمىز، ھەج قىلغۇچىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز، بىز بۇرۇنقىدەكلا جۇڭگولۇق ھەج قىلغۇچىلارنى بىخەتەرلىك جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز، دېدى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇردى ھەم پىرىنسىپ جەھەتتىن ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقە قىلىش شەكلىنى جەزملەشتۈردى.

(ما يۈفېي خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر