باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ھەج پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاش توغرىسىدا پەرز ھەج خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-08-31   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خەۋىرى: 2017-يىل 8-ئاينىڭ 26-كۈنى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى پەرز ھەج خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. باش ئۆمەك باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى لى گې يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئادىل ھاجى كېرىم ئالدىنقى بىر مەزگىللىك خىزمەتلەردىكى يارقىن نۇقتىلارنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇ ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق ئۆمەكلەرنىڭ پەرز ھەج باسقۇچىدا داۋاملىق غەيرەت قىلىپ، مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم يوليۇرۇقلىرىنى ۋە دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش ئۆمەكنىڭ بىرتۇتاش خىزمەت تەقسىماتىغا بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلدى؛ ئۇ ئىچكى جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلىنى شەرھلەپ ، دىنىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەج قىلغۇچىلارغا ھەج بىلىملىرى ۋە ھەج تەرتىپىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپلا قالماي، بەلكى ھەجنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ماھىيىتىنى بىلدۈرۈش؛ ھەر تۈرلۈك تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىكنى قوغداش، كېسەللەرنى داۋالاش خىزمەتلىرىنى ياخشى، ئىنچىكە، ھەقىقىي ئىشلەپ، ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ھەج پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

لى گې نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان خەۋپ-خەتەر ۋە يوشۇرۇن ئاپەتنى تەھلىل قىلدى، بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ مەغرۇرلۇق ۋە ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، داۋاملىق غەيرەت قىلىپ ھەر قايسى ئۆلكىلىك ھەج خىزمىتى ئۆمىكى ئۆز ھاجىلىرىغا مەسئۇل بولۇش، خىزمەت سالمىقىنى ھەر قايسى ئۆمەككە چۈشۈرۈش خىزمەت ئۇسۇلىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، جىددىي خېيىم-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، دىجورنىلىق قىلىش ۋە يول كۆرسىتىشتەك مۇھىم خىزمەت نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ھەج پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاش باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپ بۇرھان چاڭ چىڭلىياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، پەرز ھەج مەزگىلىدىكى ماشىنىغا ئولتۇرۇش، غىزالىنىش، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشى، تەشكىللەش تەرتىپى قاتارلىق خىزمەتلەر ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئۈستىدە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

يىغىنغا باش ئۆمەكنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى، مۇئاۋىن باش كاتىپى، شۇنداقلا بىرقىسىم خىزمەتچىلەر، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق ھەج خىزمىتى ئۆمىكى، بىرلەشمە ھەج خىزمىتى ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى، باش كاتىپى قاتارلىقلار قاتناشتى.

(سوپىيە خەن شۆلي خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر