باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

”ئارام ئېلىش“ ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئارام ئېلىش، تەرتىپكە سېلىش باسقۇچى مۇقىم تەرتىپلىك بولماقتا

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-08-31   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خەۋىرى:2017-يىلى 8-ئاينىڭ 23-24-كۈنلىرى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئادىل ھاجى كېرىم، لى گې قاتارلىقلار شىنجاڭ، نىڭشيا، چىڭخەي، گەنسۇ، يۈننەن، ئىچكى موڭغۇل، شەنشى، خېنەن قاتارلىق ئۆلكىلىك ئۆمەكلەر ۋە بىرلەشمە ئۆمەكلەرنى بىرمۇبىر زىيارەت قىلىپ، ھەرقايسى ئۆمەكلەرنىڭ ئارام ئېلىش، تەرتىپكە سېلىش باسقۇچىدىكى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، نەق مەيداندا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دىنىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، داۋالاش، بىخەتەرلىك قاتارلىق جەھەتتىكى خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى.

ئۆمەك رەھبەرلىرى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: ئارام ئېلىش، تەرتىپكە سېلىش باسقۇچىدىكى خىزمەت “ئارام ئېلىش”نى مەركەز قىلىپ، ”بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ھەج پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاش“ باش نىشانىنى چۆرىدىگەن ئاساستا پۇختا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. شىنجاڭ، يۈننەن، نىڭشيا قاتارلىق ئۆمەكلەرنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ، ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش تەربىيەسىنى كۆپلەپ ئېلىپ بېرىش، ھەج قىلغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش مەزمۇنىنى بېيىتىش، توغرا يېتەكچىلىك يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئىبادەتنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ۋەتەننى سۆيۈش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

بىخەتەرلىك ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشلەپ، سىرتقا چىققاندا ”ئۈچ كىشى بىللە چىقىش“ پىرىنسىپىنى كەسكىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىجورنىلىق قىلىش ۋە تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى كەسكىن يولغا قويۇپ، ھەج قىلغۇچىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان پەرز ھەج پائالىيىتى ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق كۆرۈش كېرەك.

ھەرقايسى ئۆمەكلەر باش ئۆمەكنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەزمۇنى مول پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدى. نىڭشيا ئۆمىكى ھەج قىلغۇچىلارنىڭ دۆلەت بايرىقى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈش، مەدەنىيلىك ئىمزا قويۇش پائالىيىتىنى، شىنجاڭ ئۆمىكى ئۆمەك باشلىقى قوبۇل قىلىش كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نەق مەيداندا مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى ھەم ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى؛ خېنەن ئۆمىكى ھەج بىلىملىرى مۇسابىقىسى پائالىيىتىنى تەشكىللىدى، گەنسۇ ئۆمىكى ئايال ھەج قىلغۇچىلارنى مەخسۇس تەربىيەلەشنى تەشكىللىدى، چىڭخەي ئۆمىكى بىخەتەرلىك يوچۇقلىرىنى چوڭ تەكشۈرۈش، غىزالىنىش سۈپىتىنى يەنىمۇ بىرقەدەم يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئاكتىپ قانات يايدۇردى.

نۆۋەتتە، ھەرقايسى يەرلىك ئۆمەكلەرنىڭ ئارام ئېلىش تەرتىپكە سېلىش باسقۇچىدىكى ھەرتۈرلۈك خىزمەتلىرى مۇقىم تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، ھەج قىلغۇچىلارنىڭ روھىي ھالىتى ئومۇمىي جەھەتتىن بىرقەدەر ياخشى، روھىي جەھەتتىن كۈتۈنۈپ، دەرمان توپلاپ پەرز ھەجنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

(ما يۈفېي خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر