باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

شىنجاڭ ھەج ئۆمىكىنىڭ ئەتراپلىق ئىنچىكە مۇلازىمىتى ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-08-31   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خەۋىرى:2017-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستلىق ئۆمەكنىڭ ھەج قىلغۇچىلىرى ئۆزلۈكىدىن ھال سوراش گۇرۇپپىسى بولۇپ تەشكىللىنىپ، داۋالاش خىزمەت ئورنىدا ئىشلەۋاتقان ھەرقايسى داۋالاش ئورنىدىكى خادىملارنى مېۋە-چېۋە قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرى بىلەن يوقلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاددىي-ساددا ۋە ئەڭ سەمىمىي رەھمىتىنى بىلدۈردى.

شىنجاڭ بورتالا ئوبلاستلىق ئۆمەكتىن بىر نەپەر ھەج قىلغۇچى مۇنداق دېدى: ”بۇ كۈنلەردە، بۇ كۆرۈنۈشلەر مېنى تولىمۇ تەسىرلەندۈردى! مەيلى مەدىنەدە بولسۇن، مەيلى مەككەدە بولسۇن، ھەرقانداق بىر ھەج قىلغۇچى ئاغرىق-سىلاق بولۇپ قالسىلا، بىزنىڭ داۋالاش خادىملىرىمىز شۇ زامان بىمارلارنىڭ ئەتراپىدا پەيدا بولۇپ بولىدۇ، ئۇلار ھەم دوختۇر، ھەم بەزىدە بالا باققۇچىلاردەك، بىمارلارغا تاماق بېرىۋاتقان، چاي قۇيۇۋاتقان، كۆرگىنىم پەقەت ئۇلارنىڭ ئالدىراشچانلىق ئىچىدە يۈرگەن سىماسىلا... “

بۇ پەقەت شىنجاڭ ھەج ئۆمىكىنىڭ ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكە مۇلازىمىتىنىڭ بىر ئىخچام كۆرۈنۈشىدۇر. بۇ يىل شىنجاڭ ھەج ئۆمىكى باشتىن-ئاخىر ھەج قىلغۇچىلارغا مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىش، تەربىيەنى ياخشى ئىشلەش، يېتەكچىلىكنى ياخشى قىلىش، سىياسىي بىخەتەرلىك ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، تەرتىپلىك ھەج قىلىش، تىنچ ھەج قىلىش ۋە مەدەنىي ھەج قىلىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئاساسلىق ۋەزىپە قىلىپ كەلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن دىنىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى، ئۇنىۋېرسال خىزمەت گۇرۇپپىسى، بىخەتەرلىك ۋە ئالدىنى ئېلىش گۇرۇپپىسى، داۋالاش ۋە قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى، ئارقا سەپ تەمىناتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش گۇرۇپپىسى، تەشۋىقات ئالاقە گۇرۇپپىسى، نازارەت قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش گۇرۇپپىسى قاتارلىق گۇرۇپپىلارنى تەسىس قىلىپ، ھەج قىلغۇچىلار ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇلازىمەت قىلدى.

شىنجاڭ ھەج ئۆمىكىنىڭ بارلىق خىزمەتچى-خادىملىرى باشتىن ئاخىر ئادەمنى ئاساس قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش، تەربىيە قىلىش، يېتەكلەش ھەممىدىن ئەلا  دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، باشتىن-ئاخىر ھەج قىلغۇچىلار بىلەن يېتىپ قوپۇشتا، يېمەك-ئىچمەكتە، يۈرۈش-تۇرۇشتا بىرگە بولۇپ، بىرگە پائالىيەت قىلىپ، سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيە ئىشلەش، توغرا يېتەكلەشنى دۆلەت سىرتىدىكى ھەج خىزمىتىدە باشتىن-ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ كەلدى.

(ما يۈفېي خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر