باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

دۆلىتىمىزنىڭ جىددە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ئەنۋەر ھەبىبۇللا سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج ئىشلىرى مۇئاۋىن ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-08-21   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خەۋىرى :2017-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ جىددە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ئەنۋەر ھەبىبۇللا،  جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مەسلىھەتچىسى ما جىن، مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى ئىمادىدىن ۋېن جىيەن قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج ئىشلىرى مۇئاۋىن ۋەزىرى دوكتور ھۈسەيىن شەرىف، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ھاجىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد ئەمىن بىلەن كۆرۈشتى. باش كونسۇل سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگو ھەج قىلغۇچىلىرىغا كۆرسەتكەن ياردىمى ۋە ئەلا مۇلازىمىتىگە رەھمەت ئېيتتى ھەم سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن جۇڭگو ھەج قىلغۇچىلىرىنىڭ ھەجنى ئوڭۇشلۇق ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىلىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

سەئۇدى ئەرەبىستانى دۆلىتىمىز ھەج قىلغۇچىلىرى ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ قويغانلىقىنى ھەم ھەج قىلغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن، باش ئۆمەك رەھبەرلىرى باش كونسۇل ئەنۋەر ھەبىبۇللاغا ئالدىنقى بىر مەزگىللىك خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان بولۇپ، باش كونسۇل كېيىنكى خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپلىرىنى بەرگەنىدى.

(ما يۈفېي خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر