باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

دۆلىتىمىز ھەج قىلغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى مەدىنەدىن مەككەگە يۆتكىلىپ بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-08-21   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خەۋىرى:2017-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە، يامغۇردىن كېيىنكى مەدىنە سالقىن ۋە ئازادە بولۇپ قالغان ئىدى. دۆلىتىمىز ھاجىلىرى ئولتۇرغان ئەڭ ئاخىرقى 9 ئاپتوبۇسنىڭ ئاستا-ئاستا شەھەردىن يىراقلىشىشى بىلەن، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى خىزمىتىمۇ مۇكەممەل ئاياغلاشتى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00دە، ئارىلاشما ئۆمەك ۋە گەنسۇ ئۆلكىلىك ئۆمەكتىن جەمئىي 377 نەپەر ھەج قىلغۇچى ساق-سالامەت مەككەگە يېتىپ كېلىپ، يۆتكىلىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. مۇشۇ ۋاقىتقىچە، دۆلىتىمىزنىڭ 12 مىڭدىن ئارتۇق ھەج قىلغۇچىلىرى مۇقەددەس ماكانغا يىغىلىپ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان پەرز ھەج پائالىيىتىگە تەييارلىنىپ تۇرماقتا، دۆلىتىمىزنىڭ ھەج مۇلازىمەت خىزمىتىمۇ ئومۇميۈزلۈك پەرز ھەج ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈش باسقۇچىغا كىردى.

8-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ 14 كۈن ئىچىدە، باش ئۆمەكنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاستىدا، مەدىنە ۋە مەككەدىكى ئىككى خىزمەت گۇرۇپپىسى ھەر قايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ئۆمەكلەر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، ئورتاق ھەمكارلىشىپ، قىزغىن مۇلازىمەت قىلىپ، بارلىق ھەج قىلغۇچىلارنى ئۇزىتىش ۋە كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى مۇكەممەل ئادا قىلدى.

(سۇفىيە خەن شۆلي خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر