باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

داۋالاش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى دۆلىتىمىز ھەج قىلغۇچىلىرىنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-08-21   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خەۋىرى: 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى، مەدىنەدىكى 3-تۇرالغۇ بىنادا، شەنشى ئۆلكىسىدىن بىر ھەج قىلغۇچىنىڭ تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ ، ئەھۋالى خەتەرلىك ئىدى. شەنشى ئۆلكىلىك ئۆمەك رەھبەرلىرى ۋە ئۆمەك دوختۇرى دەسلەپكى قەدەمدە دىياگنوز قويغاندىن كېيىن، ئۈندىدار توپى، ھەج ئۆمەك داۋالاش خادىملىرىنىڭ ماتېرىيال ئامبىرى قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق، مەدىنە ۋە مەككەدىكى كۆپ قىسىم دوختۇرلار بىلەن بىللە كوللېكتىپ دىياگنوز قويدى ۋە مەسلىھەتلەشتى ھەم مەدىنە دوختۇرخانىسى بىلەن ئاكتىپ ئالاقە قىلىپ، بىمارنى تېزدىن ئۈنۈملۈك داۋالاپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلدى، بىمار 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ساق-سالامەت مەككەگە يۆتكەلدى.

باش ئۆمەك داۋالاش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى خەن شىفا پەخىرلەنگەن ھالدا: ”بۇ بىر قېتىملىق ھەرقايسى ئۆمەكلەر ئارىسىدا، تارماق ئۆمەك ۋە باش ئۆمەك دوختۇرى ئارىسىدىكى بىرقەدەر مۇكەممەل ماسلىشىش بولدى“ دەپ تەرىپلىدى.

خەن شىفانىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ يىللىق ھەج خىزمىتىدە داۋالاش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش گۇرۇپپىسى ئۈندىدار توپى، داۋالاش خادىملىرىنىڭ ماتېرىيال ئامبىرى قاتارلىق سۇپىلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە ئۆزئارا ياردەم قىلغاندىن سىرت، ئۆمەك رەھبەرلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ھەرقايسى خىزمەتلەردە ”ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى“ دېگەن پىرىنسىپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەڭ ئالدى بىلەن «ھەج ئۆمەك داۋالاش خىزمىتى تەلەپنامىسى»نى تۈزۈپ، ئۈندىدار توپى ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ھەربىر داۋالاش خادىملىرىغا يوللاپ بەردى؛ ئۇنىڭدىن بۇرۇن «ھاجىلارنىڭ ھەج مەزگىلىدىكى داۋالاش قوللانمىسى»نى تۈزۈپ، ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ئايروپىلاندا، مەدىنەدىن مەككەگە يۆتكىلىش يولىدا، زىيارەت پائالىيىتىدە، مېھمانخانىنىڭ ياتاق ئۆيىدە، ئىچىملىك سۇ ۋە يېمەك-ئىچمەك، كەيپىياتنى تەڭشەش قاتارلىق كۆپلىگەن تەرەپلەردە يول كۆرسىتىپ، ھەج قىلغۇچىلارنى ”سەۋەنلىكنى ئاز ئۆتكۈزۈش، ئاز جاپا تارتىش“ ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئۇندىن باشقا، مەدىنەدە ۋاقىتلىق داۋالاش نۇقتىسى ۋە ھەرىكەتچان داۋالاش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، مەككەدىكى ھەرقايسى ئۆمەك تۇرالغۇ بىناسىنىڭ ھەممىسىدە ئۆلچەملىك داۋالاش ئۆيى تەسىس قىلدى. پۈتۈن ئۆمەكتە 60 نەپەر داۋالاش خادىمى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە يېرىمىدىن كۆپىنىڭ كاندىدات ئالىي ئۇنۋانى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇنۋانى بار.

نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز ھەج قىلغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى مەدىنەدىن مەككەگە يۆتكىلىپ بولدى، بىمارلاردىن قازا قىلغانلار يوق. مەدىنە ۋە مەككەدە دوختۇرخانىدا ياتقان ئادەم سانى 5 ئادەم قېتىم، ھازىرغىچە ئۇلاردىن 3 كىشى دوختۇرخانىدىن چىقىپ بولدى.

(سۇفىيە خەن شۆلي خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر