باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

دىنىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىشتا سەمىمىي بولۇپ، مەدەنىي ھەج قىلىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىنماقتا

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-08-19   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خەۋىرى: دىنىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەجنىڭ نېگىزلىك خىزمەتلىرىنىڭ بىرى. بۇ يىللىق ھەج تاۋاپ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئىسسىق ھاۋا پەسلىگە توغرا كەلدى. دىنىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھەج قىلغۇچىلارنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك، مەدەنىي ھەج قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى دىنىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يۈزلىنىدىغان مۈشكۈل ۋەزىپە بولۇپ قالدى.

كۆپ قېتىملىق تەتقىق قىلىش ۋە نەق مەيدان تەكشۈرۈشىدىن كېيىن، ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ دىنىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تۆۋەندىكىدەك تەدبىرلەرنى قوللاندى:

1. ئۆمرە ھەجگە بىر تۇتاش ئوپچە تەشكىللەندى. يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ھەج ئۆمىكىنىڭ ئۆمرە ھەجگە بىر تۇتاش ئوپچە تەشكىللىشى ناھايىتى ياخشى بولۇپ كەلگەنىدى. بۇ يىلدىن باشلاپ بارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، ئارىلاشما ئۆمەكلەردىمۇ ئۆمرە ھەجنى بىر تۇتاش قىلىشنى تۇنجى قېتىم يولغا قويدى، ۋاقىتنى مەككەگە كەلگەن كۈنى كەچ سائەت 10 ئەتراپىغا بېكىتتى. ھەج قىلغۇچىلار ئىمام ۋە گۇرۇپپا يېتەكچىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن تەرتىپلىك ھالدا ھەرەم مەسچىتىگە بېرىپ، ئۆمرە ھەجنى تولۇق ئادا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئوتتەك يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئىسسىق ھاۋادىن ۋە قىستاڭچىلىقتىن ساقلىنىپلا قالماي، بەلكى ھەج قىلغۇچىلارنىڭ يولنى تاپالماي ئېزىپ قىلىشتەك ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلاندى، بىخەتەر، تەرتىپلىك، مەدەنىي ھەج قىلىش، كۆپ تەرەپنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

2. دىنىي ئىشلاردىكى تەشۋىقات، تەربىيە ۋە يېتەكچىلىك كۈچەيتىلدى. دىنىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى ئىماملارنى نامازنىڭ ئالدى-كەينىدە ھەج قىلغۇچىلارغا توغرا بولغان ھەج قىلىش بىلىملىرىنى سۆزلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ھەج قىلغۇچىلارنى ئۆمرە ھەجنى ئاز قىلىپ، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتىن، يولدىن ئادىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا يېتەكلىدى ۋە تەربىيەلىدى. باش ئۆمەكنىڭ دىنىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 15 پارچە ۋەز-تەبلىغ تېمىسىنى بېكىتىپ، دىنىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى بارلىق ئىماملارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تارقىتىپ بەردى. ئۇندىن باشقا، باش ئۆمەكنىڭ دىنىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق ئۆمەكلەردىن دىنىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىش، مەسلىھەت بېرىش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇشنى، ئىماملاردىن تاللاپ تۇرالغۇ بىنادا نۆۋەت ئالمىشىپ دىجورنىلىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئىماملار ھەج قىلغۇچىلار سورىغان ھەرخىل سوئاللارغا نەق مەيداندا جاۋاب بېرىپ، چۈشەنچىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

3. تۇرالغۇ بىنادا ناماز ئوقۇشقا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىلدى. ھەرقايسى بىنا باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن كۆپ قېتىم سۆزلىشىش ئارقىلىق، ھاۋا تەڭشىگۈچ، جايناماز، مىكروفون، ياڭراتقۇ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇقلاپ، تەڭشەپ، ئىماملارنىڭ ۋەز-تەبلىغ سۆزلىشى، ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ناماز ئوقۇشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەردى. رەڭلىك تەشۋىقات تاختىسىدىن  25 پارچىنى لايىھەلەپ ۋە يېزىپ، جەمئىي 300 تاختىدىن ئارتۇق بېسىپ چىقىرىپ، ھەرقايسى تۇرالغۇ بىنانىڭ زالى، نامازخانىسى، لىفىتنىڭ ئىچى قاتارلىق ئورۇنلارغا چاپلىدى. ”كۈلۈمسىرەشمۇ بىر سەدىقە“، ”راستچىللىق كىشىنى ياخشىلىققا باشلايدۇ، ياخشىلىق كىشىنى جەننەتكە باشلايدۇ“، ”كەڭ قورساقلىق ئەخلاقنىڭ ئەڭ كاتتىسى“، ”سىلەر ئەھدەڭلەرگە ئەمەل قىلىڭلار“ قاتارلىق ئىللىق سۆزلەردىن ھەج قىلغۇچىلار تۇرالغۇ بىناغا كىرگەندە خۇددى ئۆيىگە كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇ ۋە كەيپىياتتا بولدى. تاملاردىكى جۇڭگوچە ئۇسلۇبتىكى لايىھەلەر ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر، كىشىلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلدى.

(ئەلى ما خەيياڭ خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر