باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ھەج خىزمىتى ئۆمىكى داۋالاش خادىمى باشقا دۆلەتتىن كەلگەن ھەج تاۋاپ قىلغۇچىنى قۇتقۇزدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-08-19   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خەۋىرى:2017-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى، كەچ سائەت 11 دە، بىر نەپەر ئىتالىيەلىك ھەج قىلغۇچى ھەرەم مەسچىتى ئىچىدە تۇيۇقسىزلا ھوشىنى يوقۇتۇپ، بەدەن مۇسكۇللىرى قېتىشىپ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ، ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال ئاستىدا قالىدۇ، بەختكە يارىشا، دەل بۇ ۋاقىتتا ھەرەم مەسچىتىدە تاۋاپ قىلىۋاتقان نىڭشيا ھەج ئۆمىكىنىڭ داۋالاش خادىملىرى ياردەم قىلىپ، بىمارنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرىدۇ.

ئەينى ۋاقىتتا، نەق مەيداندىكى ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەتراپتا كۆپلىگەن كىشىلەر توپلىشىپ قاراپ تۇرغان بولۇپ، بىمارنىڭ ئايالى ساراسىمىگە چۈشۈپ قالغان، نىڭشيا ھەج ئۆمىكىدىكى ما يۈشەن دوختۇر تومۇر تۇتۇپ، بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، جىن كېلي، تېيەن شىجۈ قاتارلىق ئىككى نەپەر ھەج قىلغۇچى بىمارغا سۇ پۈركۈپ قىزىتمىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەم يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن تېز ئۈنۈم بېرىدىغان يۈرەك كېسىلى قۇتقۇزۇش كومىلىچىدىن بىمارغا يېگۈزىدۇ.

تەخمىنەن ئون مىنۇتلاردىن كېيىن، بىمار ئاستا-ئاستا ھوشىغا كېلىپ كۆزىنى ئاچىدۇ، بىمارنىڭ كېسىلى بىرئاز مۇقىملاشقاندىن كېيىن، نىڭشيا ئۆمىكىدىكى ھەج قىلغۇچىلار نەق مەيداندىن ئايرىلىدۇ. بۇنىڭدىن بىمارنىڭ ئايالى چەكسىز مىننەتدار بولىدۇ، توپلىشىپ قاراپ تۇرغان باشقا ھەج قىلغۇچىلارمۇ ئۆزلۈكىدىن باش بارمىقىنى چىقىرىشىپ دۆلىتىمىز داۋالاش خادىملىرىنى ماختاپ كېتىدۇ.

(نىڭشيا ھەج ئۆمىكى خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر