باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

مەككەدىكى ئوپچە غىزالاندۇرۇش خىزمىتى نورمال يۈرۈشمەكتە

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-08-14   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خەۋىرى: يېمەك-ئىچمەك ئادەمنىڭ ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يىراق سەپەرلەردە ئوخشىغان يۇرت تامىقىنى يېيىش نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئۈچۈن ئېيتقاندا تولىمۇ تەس بىر ئىش، ئەمما دۆلىتىمىزنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ بىر رېئاللىقتۇر. 2015-يىلىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز ھەج مەزگىلىدە ئوپچە غىزالاندۇرۇش خىزمىتىنى يولغا قويدى، ھەرقايسى ھەج خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلار خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلى بىلەن تاماق بىلەن تەمىنلەش شىركەتلىرىنى بېكىتىپ چىقتى، خېرىدار بولغۇچى شىركەت ئاشپەزلەرنى تەشكىللەپ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئېلىپ چىقىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپنىڭ ئاشخانا ئورنىنى ئىجارىگە ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن ھەج قىلغۇچىلارنى ئوپچە غىزا بىلەن تەمىنلىدى.

2017-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مەسلىھەتچى ما جىن قاتارلىقلار يۈننەن، چىڭخەي، نىڭشيا، گەنسۇ، خېنەن، شەنشى قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ تاماق تەييارلايدىغان ئاشخانا ئورنىنى نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈردى، تاماق بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىگە قارىتا كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۆمەك رەھبەرلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى قائىدە-نىزاملىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېمەك-ئىچمەك ئەسلى ماتېرىياللىرىنى ساقلاش، مەشغۇلات جەريانى ۋە تاماق توشۇش جەريانىدىكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ساغلام، بىخەتەر، تېتىملىق تاماقلارنى يېيىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

نۆۋەتتە، ھەرقايسى ئۆلكىلىك ئۆمەكلەرنىڭ تاماق بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنىڭ تەييارلىقى پۈتتى، ھەج قىلغۇچىلار يېتىپ كېلىشى بىلەنلا مەززىلىك، تېتىملىق يۇرت تاماقلىرىنى يېيەلەيدۇ.

(ما يۈفېي خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر