باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

دۆلىتىمىزدىن يولغا چىققان 12 مىڭدىن ئارتۇق ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ساق-سالامەت يېتىپ كەلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-08-14   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خەۋىرى:2017-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى، بېيجىڭدىن يولغا چىققان ئەڭ ئاخىرقى ئايروپىلاننىڭ مەدىنە خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كېلىشى بىلەن بۇ يىل دۆلىتىمىزدىن يولغا چىققان 12 مىڭدىن ئارتۇق ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ساق-سالامەت يېتىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 7585 نەپەر ھەج تاۋاپ قىلغۇچى مەدىنەدىن مەككەگە يۆتكىلىپ بولدى.

7-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى، جەنۇبىي ئاۋىياتسىيەسى، شەرقىي ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 39 ئايروپىلانى 14 كۈن ئىچىدە، بېيجىڭ، لەنجۇ، يىنچۈەن، شىنىڭ، ئۈرۈمچى ۋە كۈنمىڭ قاتارلىق 6 ئايروپورتتىن ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى مەدىنەگە توشۇپ بولدى. كۈتۈۋېلىش مەزگىلىدە، ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ بىر تۇتاش يېتەكچىلىكىدە، باش ئۆمەك مەدىنە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ۋە ھەرقايسى ئۆلكىلىك تارماق ئۆمەكلەردىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملار، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئايروپورتتا كۈتۈۋېلىش، ئوپچە غىزالاندۇرۇش، دىنىي يېتەكچىلىك قىلىش، داۋالاش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىك، زىيارەت قىلدۇرۇش، مەككەگە ئۇزىتىش، يۈك-تاق توشۇش قاتارلىق ئېغىر، جاپالىق خىزمەتلەردە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشى باھاسىغا سازاۋەر بولدى.

(ما يۈفېي خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر