باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

بۇ يىل بېيجىڭدىن ئۇچقان ھۆددىگە ئالغان تۇنجى ھەج ئايروپىلانى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قاراپ يول ئالدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-08-10   

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى خەۋىرى: 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دە، ئىچكى موڭغۇل، خېنەن، خېبېي قاتارلىق ئۆلكىلەردىن 385 نەپەر ھاجى، ھۆددىگە ئالغا تۇنجى ھەج ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، بېيجىڭدىن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مۇقەددەس شەھىرى مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە قاراپ يول ئالدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئەھمەد مۇۋەللەد، ۋىزا كونسۇلى سالىھ بەدداھ، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى لى گې، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ، باش كاتىپى نەبىل ما جۇڭپىڭ قاتارلىقلار ئايروپورتقا چىقىپ ھاجىلارنى ئۇزىتىپ قويدى.

ئەلچى ئەھمەد مۇۋەللەد ھاجىلارنى ئۇزاتقاندا: ”سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى ھەج قىلغۇچىلار ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەلا مۇلازىمەت قىلىشقا تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ قويدى، ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ھەجنى ئوڭۇشلۇق ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ“دېدى.

رەئىس ھەسەن ياڭ فامىڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن 2017-يىلىدىكى بارلىق ھەج قىلغۇچىلارنى چىن كۆڭلىدىن مۇبارەكلىدى. ئۇ: ”جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئەزەلدىن مەملىكىتىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنى ھەجگە تەشكىللەش خىزمىتى ۋە مۇلازىمىتىدە ’تىنچ ھەج قىلىش، تەرتىپلىك ھەج قىلىش، مەدەنىي ھەج قىلىش‘ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ، ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە، دۆلىتىمىزنىڭ ۋە دۆلىتىمىز مۇسۇلمانلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى قوغداپ، ۋەتەنگە ساق-سالامەت قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز“دېدى.

ئۇزىتىش مۇراسىمىغا باش كاتىپ نەبىل ما جۇڭپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

8-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە، خېنەن، خېبېي، ئىچكى موڭغۇل، شەنشى قاتارلىق 20 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن جەمئىي 1534 نەپەر ھاجى بېيجىڭدىن ئۇچىدىغان 4 قېتىملىق ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.

بۇ يىل دۆلىتىمىزدىن جەمئىي 12 مىڭ 800 دىن ئارتۇق ھەج قىلغۇچى 39 ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىپ ھەج پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.

 (ئوسمان دوڭ سەيمو خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر