باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىنىڭ ۋالىيسى دۆلىتىمىز ھاجىلىرىنىڭ تەشكىللىك، تەرتىپلىكىنى ماختىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-08-09   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خەۋىرى: 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، شەرقىي ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MU7927 قېتىملىق ئايروپىلانىغا ئولتۇرغان چىڭخەي ئۆمىكىنىڭ ھاجىلىرى مەدىنە خەلقئارا ئايروپورتىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ كەلدى، ئۇلار رەتلىك تىزىلىپ، سەپ بولۇپ، تەرتىپ بىلەن چېگرادىن ئۆتۈپ ئايروپورتتىن چىقتى.

جۇڭگو ھاجىلىرىنىڭ مەدەنىي، تەرتىپلىك ياخشى ئوبرازى، شۇ پەيتتە ئايروپورتتا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان مەدىنە شەھىرىنىڭ ۋالىيسىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇ ھاجىلىرىمىزنىڭ سېپىغا كېلىپ، ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالدىغانلىقىنى ۋە سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نەق مەيداندىكى سەئۇدى ئەرەبىستانى ئايروپورت خادىملىرى ۋە چەت ئەللىك ھاجىلارمۇ دۆلىتىمىز ھاجىلىرىغا قىزغىن چاۋاكلىرى بىلەن ئالقىش ياغدۇردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ تەشكىللىك ھەج خىزمىتى يىلدىن يىلغا ياخشىلىنىپ، تەشكىللەشنىڭ مەدەنىي، تەرتىپلىك، مۇلازىمەتنىڭ سەمىمىي، ئەتراپلىق، بىخەتەرلىك كاپالىتىنىڭ جايىدا بولۇشى، ھاجىلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج مىنىستىرلىقى ۋە ھەج ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنىمۇ دۆلىتىمىزنىڭ تەشكىللىك ھەج خىزمىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ كەلمەكتە.

(ما يۈفېي خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر