باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

ھاجىلار ئۆمرە ھەجنى ئوپچە ھالدا مەدەنىي، تىنچ-ئامان، تەرتىپلىك تاماملىماقتا

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-08-09   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خەۋىرى:2017-يىل 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، كەچ سائەت 11دە، ئۈستىلىرىگە ئوخشاش كىيىم كىيگەن يەنە بىر تۈركۈم جۇڭگو ھاجىلىرى رەتلىك سەپ بولۇپ، ئۆمەك ئۆمەك ئىمامىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئوخشاش ئاۋازدا لەببەيكە ئوقۇپ، ئۆمرە ھەج قىلىش ئۈچۈن ھەرەم مەسچىتىگە قاراپ ماڭدى، يول بويى كىشىلەر قەدەملىرىنى توختىتىپ بەس-بەس بىلەن ھاجىلارغا بارىكاللا ئېيتىشتى. ھازىرغا قەدەر يۈننەن، نېڭشيادىن كەلگەن مىڭغا يېقىن ھاجى ئۆمرە ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىپ بولدى.

ئىگىلىشىمىزگە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ دىنىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى، ھاجىلار مەككەگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆمرە ھەجنىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ھاجىلارنىڭ ئادىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھاجىلارنىڭ ئۆمەك ئىمامىغا ئەگىشىپ، ئوپچە ئۆمرە ھەج قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ چارە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى ئۆلكىلىك ئۆمەك رەھبەرلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن ۋە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان. بۈگۈنگە قەدەر، مەككەگە يېتىپ كەلگەن ھەرقايسى ئۆلكىلىك ھەج ئۆمەكلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆمرە ھەجنى ئوپچە ھالدا بىرگە تاماملىدى.

(سۇپىيە خەن شۆلي خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر