باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئىسسىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەككەدىكى زىيارەت ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-08-07   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خەۋىرى: 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئەتىگەن سائەت 9 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلىتىمىزدىن تۇنجى تۈركۈمدە مەككەگە يېتىپ كەلگەن يۈننەن ئۆمىكىدىن 284 نەپەر ھاجى، شۇ كۈنى مەككە ھەج مۇراسىمى ئورنىدىكى زىيارىتىنى تاماملاپ، ئاپتوبۇستىن ئەركىن-ئازادە چۈشۈپ، مېھمانخانىغا قايتىپ كەلدى. مەككەدىكى ئۇزىتىش گۇرۇپپىسى ھاجىلارغا ئەگىشىپ يول لىنىيەسىنى ۋە قاتناش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ھەرقايسى تارماق ئۆمەكلەرنىڭ تەشكىللىشى تەرتىپلىك بولدى، تارماق ئۆمەكنىڭ ئىماملىرى ھاجىلارغا قىزغىنلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقتى.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ چۈشلۈك يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئىسسىق سەۋەبىدىن، نەچچە كۈندىن بۇيان ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھاجىلارنى جىسمانىي جەھەتتىن ھالسىرىتىپ قويغانىدى. مەدىنەدىكى ئىلگىرىكى چۈشتىن كېيىنلىك زىيارەت ۋاقتى بامدات نامىزىدىن كېيىنگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ھەج خىزمىتى ئۆمىكىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، مەككە ھەج مۇراسىمى ئورنىنى زىيارەت قىلىش ۋاقتىمۇ چۈشتىن كېيىن زىيارەت قىلىشتىن، بامدات نامىزىدىن كېيىن زىيارەت قىلىشقا ئۆزگەرتىلىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ۋاقىت بۆلىكىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىلدى، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش خەۋپى يەنىمۇ بىر قەدەم ئازايتىلدى.

(سۇپىيە خەن شۆلي خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر