باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ھاجىلىرى مەدىنەدىن مەككەگە يۆتكەلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-08-07   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خەۋىرى: 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دە، دۆلىتىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىن كەلگەن 284 نەپەر ھاجى، مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى ئىبادەت ۋە زىيارەتلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئەڭ يېڭى، ئەڭ ئېسىل جىن لۇڭ ماركىلىق ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ مەككەگە قاراپ يۆتكىلىپ، چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە مەككەگە ئوڭۇشلۇق يېتىپ باردى.

باش ئۆمەك باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مەسلىھەتچى ما جىن ۋە مەككە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملار ھاجىلار تۇرالغۇ بىناسىغا بېرىپ ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

باش ئۆمەك، ئۆلكىلىك ئۆمەك ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ خىزمەتچى خادىملىرى ئۆزئارا ماسلىشىپ، ھاجىلارنى تەشكىللەپ ياتاققا ئورۇنلاشتۇردى. سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپنىڭ 93-نومۇرلۇق ئىشخانىسى، ھاجىلار ئۈچۈن تاتلىق-تۇرۇم، ئىچىملىك ۋە كىچىك ھەدىيەلەرنى تەييارلىدى. تۇنجى قېتىملىق يۆتكىلىش ئوڭۇشلۇق، تەرتىپلىك بولدى، چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە، يۈننەن ئۆمىكىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ھاجىلىرىنىڭ ھەممىسى مېھمانخانىغا ئورۇنلىشىپ بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، 2014-يىلىدىن باشلاپ، ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى، ھاجىلارنىڭ ئازادە يۆتكىلىشى ئۈچۈن، ھاجىلار بىلەن يۈك-تاقنى ئايرىم توشۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان. بۇ يىل، ھاجىلارنى توشۇغۇچى ئاپتوبۇس تۇنجى قېتىم، ئەقلىي كارتا ئىشلەتكەن بولۇپ، يۈك-تاقىنى توشۇش، ھاجىلارنى يۆتكەش سەپىرىدە، ئېنىق ئەمەلىي ۋاقىت ئورنى بىلەن تەمىن ئېتىپ، ھاجىلارنى ئۇزىتىش ۋە كۈتۈۋېلىش خىزمىتى، توشۇغۇچى ئاپتوبۇسلارنىڭ ئورنىنى دەل ۋاقتىدا ئىگىلەپ تۇرۇشقا قولايلىقلارنى تۇغدۇردى.

سالاھىيەت ئۇچۇرلىرى، يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى ، ئېلېكتىرونلۇق توساق قاتارلىق ئىقتىدارلارنى مۇجەسسەم قىلغان ئاقىل كارتا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىگە قارىتا، دۆلىتىمىز ھاجىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ، نەچچە ئۆتكەللىك قاتتىق خېرىدار چاقىرىش قەدەم-باسقۇچلىرىدىن كېيىن، بۇ كارتىنىڭ يادرولۇق ئىقتىدارىنى جەزملەشتۈرۈپ ھەم خېرىدار بولغۇچى شىركەتكە ئىشلەپچىقىرىشقا ھاۋالە قىلغان ئاقىل كارتا، بۇ يىل تۇنجى قېتىم سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلمەكتە.

2017-يىللىق ھەج پەسلىدە، جۇڭگو ھەج ئۆمىكى جەمئىي 500 دانە ئاقىل كارتىنى ئىشلىتىشكە سالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە، خېنەن ھەج ئۆمىكىدىن 420 نەپەر ھاجىنىڭ ھەممىسى ئاقىل كارتا تاقىغان، قالغان 80 دانىسىنى، ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ يۈك-تاق توشۇش، ھاجىلارنى يۆتكەش خىزمىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە. ئاقىل كارتىنىڭ ئىشلىتىلىشى، بۇندىن كېيىنكى تىنچ-ئامان ھەج قىلىش، مەدەنىي ھەج قىلىش، تەرتىپلىك ھەج قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخنىكىلىق ياردەم رولىنى ئۆتەيدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئۇندىن باشقا، سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ھەج ئىشلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇش سىستېمىسىمۇ بۇ يىل ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلمەكتە.

(سوپىيە خەن شۆلي خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

يەنە >>سۈرەتلەر