باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى رەھبەرلىرى مەككەدىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ھاجىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنى بىلەن سۆھبەتتە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-08-04   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خەۋىرى: 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مەسلىھەتچىسى ماجىن قاتارلىقلار مەككەدىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ھاجىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنىنى زىيارەت قىلىپ، مەزكۇر ئورگاننىڭ رەئىسى مۇھەممەد ئەمىن، مۇئاۋىن رەئىسى سەئۇد دەمەنھۇرى ۋە ئۈچ دۆلەت ئىشخانا مۇدىرى مەھمۇد دەمەنھۇرى قاتارلىقلار بىلەن دۆلىتىمىز ھاجىلىرىنىڭ مەككەدىكى تۇرالغۇ ئۆي ۋە ھەج مۇراسىمى ئورنىدىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

ئادىل ھاجى كېرىم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ھاجىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنىنىڭ ئەلا مۇلازىمىتىگە ئاپىرىن ئېيتتى ھەم دۆلىتىمىزنىڭ بۇ يىللىق ھەج خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، نۇقتىلىق ھالدا ھەج مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك خىزمىتى ۋە پەرز ھەج مەزگىلىدىكى سۇ پۈركۈيدىغان شامالدۇرغۇچ، مۇز پارچىسى، تاماق بىلەن تەمىنلەش، قاتناش قاتارلىق ئارقا سەپ مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئورگاننىڭ رەئىسى مۇھەممەد ئەمىن جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ خىزمىتى سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج مىنىستىرلىقى، يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدى، يېتەكچىلىك ئورگىنى جۇڭگو ھاجىلىرىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلىپ قويدى ھەم ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئۆمەكنىڭ بىخەتەرلىك، ئارقا سەپ كاپالىتى قاتارلىق تەرەپلەردىكى تەلىپىنى ئورۇندايمىز، دېدى.

(ما يۈفېي خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر