باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

دۆلىتىمىز ھاجىلىرىنى توشۇغۇچى تۇنجى ئايروپىلان مەدىنەگە ئوڭۇشلۇق يېتىپ كەلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-08-01   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خەۋىرى: 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە، دۆلىتىمىزنىڭ ھاجىلىرىنى توشۇغۇچى تۇنجى ئايروپىلانى 284 نەپەر ھاجىنى ئېلىپ، يۈننەننىڭ كۈنمىڭ ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە خەلقئارا ئايروپورتىغا ئامان-ئېسەن يېتىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇ يىللىق مەككەدىكى ھەج پائالىيىتى باشلاندى.

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، ئۆمەك مەسلىھەتچىسى ما جىن خىزمەتچى خادىملارنى باشلاپ، مەدىنە خەلقئارا ئايروپورتىغا بېرىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى ھاجىلارنى كۈتۈۋالدى.

بۇ يىل دۆلىتىمىزدىن 12 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئامما ھەج پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ، ئۇلار جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىئاتسىيەسى، جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسى ۋە شەرق ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ 39 ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىن ئۇچۇپ بىۋاسىتە مەدىنە خەلقئارا ئايروپورتىغا چۈشىدۇ.

ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەدىنە گۇرۇپپىسى ئالدىنئالا ھاجىلار ئۈچۈن بىخەتەرلىك، داۋالاش، دىنىي يېتەكچىلىك، تۇرالغۇ ئۆي، ئېكسكۇرسىيە ۋە تاماق بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ھەرتۈرلۈك خىزمەتلەرگە تولۇق تەييارلىق قىلدى.

(ما يۈفېي خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

يەنە >>سۈرەتلەر