باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى رەھبەرلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى مەدىنە ھەج ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنى بىلەن سۆھبەتتە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-08-01   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خەۋىرى: 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مەسلىھەتچىسى ما جىن، مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى ئىمادىدىن ۋېن جيەن قاتارلىقلار دۆلىتىمىز ھاجىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان مەدىنەدىكى ھەج ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنىنى زىيارەت قىلدى. ئىككى تەرەپ بۇ يىللىق مەدىنەدىكى خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. ئادىل ھاجى كېرىم يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھېسسامغا دۆلىتىمىزنىڭ بۇ يىللىق ھەجگە تەشكىللەش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ۋە مەدىنەدىكى خىزمەتلەرنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەم مەدىنەدىكى خىزمەتنى يەنىمۇ بىرقەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشىلاش، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە پىژغىرىم ئىسسىق ھاۋاغا قارىتا، ھاجىلارنىڭ بامدات نامىزىدىن بۇرۇن مىقاتقا بېرىپ بولۇشىنى، مىقاتتا بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن مەككەگە قاراپ يولغا چىقىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھەج ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنى ھەرتۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىگەنلىكىنى، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان جۇڭگو ھاجىلىرى ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى ھەم جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ تەلىپىنى تولۇق ئويلىشىدىغانلىقىنى ۋە تېز جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(ما يۈفېي خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

يەنە >>سۈرەتلەر