باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاراپات تېغىدىكى ھەج مۇراسىمى ئورنى تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك ئوتتىن ساقلىنىش چېدىرى ئىشلەتتى، باش ئۆمەك رەھبەرلىرى نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-07-31   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خەۋىرى: 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم قاتارلىق 5 كىشى ھەج مۇراسىم ئورنى ئاراپاتقا بېرىپ، دۆلىتىمىزگە تەقسىملەنگەن 89-نومۇرلۇق ۋە 93-نومۇرلۇق چېدىر ئورنىغا كىرىپ، بۇ يىل تۇنجى قېتىم ياسىلىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئوتتىن ساقلىنىش چېدىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

بۇ يىللىق پەرز ھەج مۇراسىمى كۈنى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھەم پىژغىرىم ئىسسىق ھاۋانىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىشى، ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، ئىسسىقنى تارىتىشقا قولايسىز بولۇشى مۇمكىن. ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ھاجىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنىغا ئېنىق، كونكرېت تەلەپ قويۇپ، ئاراپات كۈنى چوقۇم شامالدۇرغۇچ، مۇز پارچىسى ۋە ئىچىملىك سۇنىڭ يېتەرلىك مىقداردا تەمىنلىنىشىنى، چېدىردىن ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا، مەيدان ئالمىشىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىشنى، ھەرتۈرلۈك ئىسسىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش لايىھەلىرىنى ياخشى ئىشلەش، پۈتۈن ھاجىلارنىڭ بىخەتەر، ساغلام مۇھىت ئىچىدە پەرز ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش ئۆمەك مەككە گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملار ئۆمەك باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مەسلىھەتچى ما جىننىڭ تەشكىللىشى ۋە رەھبەرلىكى ئاستىدا، دۆلىتىمىز ھاجىلىرىنىڭ تۇرالغۇسىنى يەنە بىر قېتىم تەكشۈردى، ھەرتۈرلۈك بىخەتەرلىك، غىزالىنىش، داۋالىنىش، دىنىي ئىبادەت قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى ھەم كونكرېت تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

(ئەلى ما خەيياڭ خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

 

يەنە >>سۈرەتلەر