باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەدىنە خىزمەت گۇرۇپپىسى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن مەدىنەگە قاراپ يولغا چىقتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-07-31   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خەۋىرى: 2017-يىلى7-ئاينىڭ 26-كۈنى، مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى ئىمادىدىن ۋېن جيەن مەدىنە خىزمەت گۇرۇپپىسىنى باشلاپ مەدىنەگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. خىزمەت گۇرۇپپىسى ماسلاشتۇرۇش ۋە كاپالەتلىك قىلىش، ئايروپورتتا كۈتۈۋېلىش، تۇرالغۇ ئۆي، ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۇزىتىش، بىخەتەرلىك، داۋالاش، كاتىبات، پاسپورت ۋە ئايروپىلان بېلىتى، يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلەش ۋە ئارقا سەپ گۇرۇپپىسى قاتارلىق ئىنچىكە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، مەدىنەدىكى كۈتۈۋېلىش، تۇرالغۇ ئۆي، دىنىي يېتەكچىلىك، بىخەتەرلىك، داۋالاش ۋە ئېكسكۇرسىيە قاتارلىق ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. خىزمەت گۇرۇپپىسى مەدىنەگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئەڭ ئالدى بىلەن ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئۆمەكلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ھەرقايسى جايلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ۋە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ، ئاسان مەسىلە كۆرۈلىدىغان ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارغا قارىتا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىدۇ. باش ئۆمەكنىڭ مەدىنە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەدىنەدىكى ھەرتۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ تەرتىپلىك ۋە رەتلىك، ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

(ما يۈفېي خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

يەنە >>سۈرەتلەر