باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى ھاجىلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆي تەييارلىق ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ كۆزدىن كەچۈردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-07-28   

ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ خىزمەت مۇھىتى بىلەن تونۇشۇش ۋە ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق ئۆمەكلەرنىڭ تەييارلىق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى چۈشىنىش مەقسىتىدە، 7-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىدىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملار ئادىل ھاجى كېرىمنىڭ باشچىلىقىدا، ھاجىلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرىنى ئەمەلىي تەكشۈردى. ھەرقايسى تۇرالغۇ بىنانىڭ ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش، لىفىتنىڭ ئىشلەش ئەھۋالى، ئاشخانا ئۈسكۈنىلىرى، تاماقخانا ۋە نامازخانىنىڭ تازىلىقى، داۋالاش ئۆيى قاتارلىقلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئىنچىكە تەكشۈردى. ئۆمەك باشلىقى ئادىل ھاجى كېرەم ئايرىم-ئايرىم ھالدا، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ تەييارلىق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم ھەج خىزمىتى ئۈچۈن مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىش، ئوپچە تاماق بىلەن تەمىنلەش، بىخەتەرلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قارىتا كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەمەلىي تەكشۈرۈشتىن كېيىن، ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىدىكى خادىملار ھەرقايسى ئۆلكىلىك ھاجىلار تۇرالغۇسىنىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ چىقتى، خىزمەتنى يەنىمۇ بىر قەدەم قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سالدى.

(ئەلى ما خەيياڭ خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

يەنە >>سۈرەتلەر