جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خەۋىرى:2017-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى ئىمادىدىن ۋېن جيەن قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن 49 نەپەر خىزمەتچى خادىم سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئامان-ئېسەن يېتىپ باردى. جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئامان-ئېسەن يېتىپ بېرىشى دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ھەج مۇلازىمەت خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
23-چېسلا چۈشتىن كېيىن، ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى بىرىنچى قېتىملىق ئومۇمىي خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى ھەرتۈرلۈك خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپ بۇرھان چاڭ چىڭلياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئۆمەك باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم تەييارلىق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم چېگرا سىرتىدىكى ھەجگە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ ئوخشىمىغان خىزمەت ئورۇنلىرىدىن كېلىپ بۇ يەرگە جەم بولۇشتىكى مەقسىتى، ئورتاق بىر بۇرچنى ئادا قىلىشى، يەنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھاجىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتۇر. كۆپچىلىكنىڭ خىزمەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئارغامچىدەك بىر كوللېكتىپ بولۇپ ئۇيۇشۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى گۇرۇپپىدىكى خادىملار كۆرسەتمىگە بويسۇنۇپ، مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىشى كېرەك. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ بۇ يىلمۇ ياخشى ئەنئەنىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ھەج خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھاجىلارنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىگە ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ ھەرقايسى گۇرۇپپىلار مەسئۇللىرىدىن ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، دادىل بولۇشنى، ئۆز ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى ئىمادىدىن ۋېن جيەن، ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ئىنتىزامغا بويسۇنۇش، دادىللىق روھى بولۇش، بىخەتەرلىك، قوغدىنىش خىزمەتلىرى قاتارلىق تۆت تەرەپتىن بارلىق خىزمەتچى خادىملارغا كونكرېت تەلەپ قويدى.
مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپ بۇرھان چاڭ چىڭلياڭ تەييارلىق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەم يېقىنقى مەزگىلدىكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.
يىغىندىن كېيىن، باش ئۆمەكنىڭ مەدىنە خىزمەت گۇرۇپپىسى، بىخەتەرلىك ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى، داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش گۇرۇپپىسى قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم يىغىن ئېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت لايىھەلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتتى ھەم خىزمەت دائىرىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
7-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە، باش ئۆمەك باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم قاتارلىقلار مېھمانخانا خوجايىنى تەلئەت ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ يىللىق مەككەدىكى ياتاق مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
شىنجاڭ، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكە ئاپتونوم رايونلارنىڭ تەييارلىق خىزمەت گۇرۇپپىسى باش ئۆمەكنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، تەرتىپلىك ھالدا خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرماقتا.
(ئەلى ما خەيياڭ خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)