باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستان ئۆلىمالار كېڭىشى ۋەكىللەر ئۆمىكى تەكلىپكە بىنائەن دۆلىتىمىزدە زىيارەتتە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-07-26   

2017-يىل 7-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئافغانىستان ئۆلىمالار كېڭىشىنىڭ رەئىسى شەيخ قىيامىدىن كەششافى باشچىلىقىدىكى 7 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى دۆلىتىمىزدە زىيارەتتە بولدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەرنى زىيارەت قىلدى ۋە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دىن ئىشلىرى ئورگانلىرى ۋە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى، شۇ جايدىكى داڭلىق دىنىي زاتلار ۋە مۇسۇلمان ئامما بىلەن كەڭ دائىرىلىك ھەم چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

بېيجىڭدىكى مەزگىلىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ جيەنيۇڭ ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ، مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇللا ئەمىن جىن رۇبىننىڭ قىزغىن قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى. ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى ۋە نيۇ جې مەسچىتى قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدى.

ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭنى زىيارەت قىلغان مەزگىلىدە، ئايرىم ئايرىم ھالدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھىسامىدىن ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) نىڭ مۇدىرى تۇرغان پىدا، مۇئاۋىن مۇدىرى ما جىن قاتارلىقلارنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى، بىر قىسىم دىنىي زاتلار بىلەن سۆھبەتتە بولدى، شۇ جايدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۈرۈمچى ياڭخاڭ مەسچىتىدە جۈمە نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى ھەم شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدى.

زىيارەت مەزگىلىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگو بىلەن ئافغانىستان ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جۇڭگو ئافغانىستان ساھەسىدىكىلەرنىڭ ”بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى“ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، خەلق بىلەن قەلبداشلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش-ئورتاق نەپكە ئېرىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىق تېمىلاردا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.

بۇ قېتىمقى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئافغانىستان ئىسلام ئالىي ئورگىنى يەنى ئافغانىستاننىڭ مەملىكەتلىك ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى قېتىم تەكلىپكە بىنائەن دۆلىتىمىزدە زىيارەتتە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ۋەكىللەر جۇڭگونىڭ مىللەتلەر- دىن سىياسىتىنى چۈشەندى، جۇڭگو ئىسلام دىنى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، قولغا كەلتۈرگەن كۆزنى چاقنىتىدىغان نەتىجىسىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.

ئۆمەك باشلىقى شەيخ قىيامىدىن كەششافى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى زىيارەت جۇڭگو ئافغانىستان ئىسلام دىنى تەشكىلاتلىرى ئارىسىدىكى دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى، ئىككى دۆلەت ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى سەھىپە ئاچتى. ئۇ تەكىتلەپ: جۇڭگو خەلقى بولۇپمۇ جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىدىن ھازىرقى تىنچ-خاتىرجەم تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ قەدرىگە يېتىشنى ئۈمىد قىلدى. چۈنكى ھازىر دۇنيادا، ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورلۇق رايونلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ۋە خەلقلىرىگە زور خەتەر ۋە بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى، بولۇپمۇ ئافغانىستان ئەسەبىي كۈچلىرىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلىرى، شۇ جايدىكى خەلقلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكى بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلدى. بۇندىن بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مۇقەددەس شەھىرى مەككە مۇكەررەمە ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھادىسىسىگە ئوخشاش ئەسەبىي ئىش-ھەرىكەتلەر، ئىسلام دىنىنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈپلا قالماي، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىنىڭ مۇقەددەس دىنىي ھېسسىياتىغىمۇ ئازار يەتكۈزدى، شۇڭا، ئافغانىستان تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، ئەسەبىي ئىدىيە بىلەن زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە ئورتاق قارشى تۇرۇپ ۋە زەربە بېرىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرقايسى دىنلار ۋە مىللەتلەر ئارا ئۆزئارا ئۆگىنىش ۋە ياردەمدە بولۇش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى ، داۋاملىق تۈردە ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە ئالاقىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى بولۇپمۇ ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۆمەك باشلىقى شەيخ قىيامىدىن كەششافى جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى.

زىيارەت مەزگىلىدە، ئافغانىستاننىڭ دۆلىتىمىزدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جانان مۇساجاي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ پارتگۇرۇپپا سېكرېتارى ما يەنلىن، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى تاشقى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى شۆ شۇچى، 3-مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى لى گى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى مۇسا چىن يۈلۇڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇ زىڭخۇڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بارات رەجەپ قاتارلىقلار باشتىن ئاخىر ۋەكىللەرنىڭ زىيارىتىدە بىللە بولدى.

(ئابدۇلھېكىم ما جې خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر