باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ شياڭگاڭ ئىسلام بىرلەشمىسى ئۆتكۈزگەن ”ئىسلام ۋە بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى“ مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى ھەم نۇتۇق سۆزلىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-07-26   

2017-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە، شياڭگاڭ ئىسلام بىرلەشمىسى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىمام، مۇتەخەسسىس ، ئالىملارنى شياڭگاڭغا تەكلىپ قىلىپ ”ئىسلام ۋە بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى“ تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ”ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ’بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى‘دىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرايلى“ دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

رەئىس ھەسەن ياڭ فامىڭ سۆزىدە، شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگىنىگە 20 يىل بولغان بۇ تارىخىي پەيتتە ”ئىسلام ۋە بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى“نى تېما قىلغان مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈش مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىسلام مەدەنىيىتى ”بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى“ ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ھەم ”بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى“ تەشەببۇس قىلىۋاتقان ”تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش- ساۋاق ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش- ئورتاق نەپكە ئېرىشىش“ يىپەك يولى روھى مۇجەسسەملەنگەن. بىز دىننى بىلىدىغان، خەلق كۆڭلىنى ئالالايدىغان، كەسپىي تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ چىقىپ، جۇڭگو ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ خەلق بىلەن قەلبداشلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ”بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى“ ئۈچۈن ئۆز ئارا بىلىشىدىغان، چۈشىنىشىدىغان كەيپىيات ۋە ئىنسانىي تۇيغۇ ئاساسىنى سېلىشىمىز كېرەك.

شياڭگاڭ ئىسلام بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شى خۇي، مۇئاۋىن رەئىسى شا يى ئايرىم-ئايرىم ئېچىلىش نۇتۇقى ۋە يېپىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى، شياڭگاڭ ئىسلام بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيەسى ۋە مەقسىتىنى شەرھلەپ ئۆتتى ھەم ئىككى قىرغاق ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ “بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى”دىن ئىبارەت دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، گۇاڭدۇڭ ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ۋېنجي يىغىنغا قاتناشتى ھەم ”ئىسلام دىنىنىڭ ئىقتىساد قارىشى“ تېمىلىق نۇتۇق سۆزلىدى. بېيجىڭ، شياڭگاڭ ئىسلام بىرلەشمىسى، شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە تەيۋەن قاتارلىق يەرلەردىن كەلگەن مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىس ئالىملار ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئىسلام دىنى بىلەن ”بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى“ ئىستراتېگىيەسى ئۈستىدە قاراشلىرىنى شەرھلەپ ئۆتتى.

يىغىندىن كېيىن، رەئىس ھەسەن ياڭ فامىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا شياڭگاڭ جۇڭخۇا مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش جەمئىيىتى، شياڭگاڭ جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، شياڭگاڭ ئىسلام ھاۋالە فوندى جەمئىيىتى ۋە شياڭگاڭ جيۇ لۇڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلدى.

(ئەلى ما خەيياڭ خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر