باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-07-24   

2017-يىل 7-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە، ياۋروپا ئالىي مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نەبىل ما جۇڭپىڭ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىسلام دىنى تەشكىلاتلىرى ۋە ئورگانلىرىدا زىيارەتتە بولدى. بۇ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ فىرانسىيەگە قىلغان تۇنجى قېتىملىق دوستانە زىيارىتى بولۇپ سانىلىدۇ.

زىيارەت مەزگىلىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ياۋروپا ئالىي مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى رەئىسى تەۋپىق مەسلۇس، پارىژ ئىبىن بادىس ئىسلام مەركىزى، پارىژ تىنچلىق مەسچىتى ۋە شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئىسلام دىنى مەكتەپلىرىنى زىيارەت قىلىپ، شۇ جايدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى. پارىژ چوڭ جامەسىدە شۇ جايدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن جۈمە نامىزى ئوقۇدى، ھەم جامەنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ يەنە تەۋپىق مەسلۇس بىلەن مۇسۇلمانچە يېمەكلىك گۇۋاھنامىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى ھەم فىرانسىيە مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ئۈممەت ئاگېنتلىقىنىڭ تېلېۋىزىيە زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

نەبىل ما جۇڭپىڭ فىرانسىيە ئىسلام تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دۆلىتىمىزنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى ۋە جۇڭگو ئىسلام دىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى، شۇنداقلا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى قانات يايدۇرغان مۇھىم خىزمەتلىرى قاتارلىقلارنى ئومۇمىي جەھەتتىن تونۇشتۇردى ھەم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەدىكىلەرنىڭ شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى جارى قىلدۇرۇش، ئەسەبىي ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇش جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبە ۋە نەتىجىلىرىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇردى. تەۋپىق مەسلۇس جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي سىياسىتىگە ۋە جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسى ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە قوللىشىغا يۇقىرى باھا بەردى ھەم جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسى يۈرگۈزۈۋاتقان شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش تەجرىبىسىنى فىرانسىيەنىڭ ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىدە قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار: جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى، ئۇلارنى جۇڭگو ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقىقىي ۋە ئومۇمىي ئەھۋالىغا قارىتا بىرقەدەر تولۇق مەلۇماتقا ئىگە قىلدى ھەم بىرقىسىم سۆز-چۆچەكلەرگە قارىتا توغرا تونۇش ھاسىل قىلدى، دېدى. فىرانسىيە ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، نەبىل ما جۇڭپىڭ فىرانسىيە ئىسلام تەشكىلاتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، مائارىپ تەربىيەسى، ئاكتىپ ئېنېرگىيەنى تەشۋىق قىلىش، جەمئىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتەك يوللار ئارقىلىق، فىرانسىيە ئىسلام دىنى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسقا ئاكتىپ جاۋاب قايتۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنى جەمئىيەتنىڭ ئاساس قاتلىمىغا سىڭىپ كىرىشكە ئاكتىپ يېتەكلەپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، زوراۋانلىقتىن يىراق تۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ياخشى ئاۋازىنى ياڭرىتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېسىل ئوبرازىنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

فىرانسىيە ياۋروپانىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، غەربىي ياۋروپادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ، پايتەختى پارىژ دۇنياغا داڭلىق گۈزەل-سەنئەت، تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى. فىرانسىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 66 مىليون، مۇسۇلمانلار نوپۇسى 6 مىليوندىن كۆپ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 10% نى تەشكىل قىلىدۇ. شىمالىي ئافرىقىلىق مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ. ئاساسلىق دىنلاردىن كاتولىك دىنى، ئىسلام دىنى، پىروتېستانت دىنى قاتارلىق دىنلار بار. پۈتۈن مەملىكەتتە 2500دىن ئارتۇق مەسچىت ۋە ئوخشىمىغان ساندىكى ناماز ئوقۇش ئورۇنلىرى بار، بۇلارنىڭ ئىچىدە پارىژدا 250 تىن ئارتۇق مەسچىت بار.

(رامىزان مىن جۈنچېڭ خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر