باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاۋسترىيەدە زىيارەتتە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-07-24   

2017-يىل 7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە، ئاۋسترىيە ئىسلام دىنى ئىشلىرى ئورگىنىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نەبىل ما جۇڭپىڭ باشچىلىقىدىكى 5 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاۋسترىيە جۇمھۇرىيىتىدە زىيارەتتە بولدى. بۇ جەمئىيىتىمىزنىڭ ئاۋسترىيەگە قىلغان تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

زىيارەت جەريانىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاۋسترىيە ئىسلام دىنى ئىشلىرى ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئىبراھىم ئورخۇن، ۋيېنا ئىسلام مەركىزى(ئاۋسترىيە چوڭ جامە) نىڭ ئىمامى ئۆمەر، ئاۋسترىيە ئىسلام ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەركىزى ۋە شۇنداقلا ئاۋسترىيە ئىسلام دىنى مۇدەررىسلىرىنى تەربىيەلەش ئاكادېمىيەسى ۋە ۋيېنا ئىسلام مەكتىپىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى قاتارلىقلار ھەم شۇ يەردىكى دىنىي زاتلار، ئىسلام ئۆلىمالىرى ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

باش كاتىپ نەبىل ما جۇڭپىڭ ئاۋسترىيە ئىسلام تەشكىلاتلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا، ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگونىڭ ئىسلام دىنى سىياسىتى، جۇڭگو ئىسلام دىنىنىڭ تارىخىي ۋە ھازىرقى ئەھۋالى، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە دىنىي تۇرمۇشى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات جەريانى ۋە خىزمەت فۇنكسىيەسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئىبراھىم ئورخۇن قاتارلىقلار ۋەكىللەرگە ئاۋسترىيە ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. باش كاتىپ نەبىل ما جۇڭپىڭ ئاۋسترىيە ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرگە ۋە مۇسۇلمانلارغا تىلەك-ئارزۇلىرىنى بىلدۈردى، ئۇلارنىڭ مەدەنىي دىيالوگنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئارا ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ئىبراھىم ئورخۇن قاتارلىقلار دۆلىتىمىزنىڭ دىنىي ئېتىقاد سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج، دىنىي مائارىپ، مەسچىت قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشى قاتارلىق تەرەپلەردە قىلغان غەمخورلۇقى ۋە قوللىشىغا ئاپىرىن ئېيتتى، شۇنداقلا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش، دىن خىزمىتى، ھەج، خەلقئارالىق بېرىش-كېلىش ۋە دىنىي مائارىپ قاتارلىق تەرەپلەردە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى ۋە جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە قوشقان زور تۆھپىلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇدى. ئىككى تەرەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ئاساستا ئالاقە قىلىش ۋە ھەمكارلىشىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاۋسترىيە ئىسلام تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلارغا دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئىسلام دىنى ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»(تاللانغان نۇسخىسى) بىلەن «ئىسلام دىنى جۇڭگودا» قاتارلىق كىتاب -ژۇرناللارنى ھەدىيە قىلدى.

ئاۋسترىيە جۇمھۇرىيىتى ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، پايتەختى ۋيېنا بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگىنى جايلاشقان ئۈچ شەھەرنىڭ بىرى. دۇنياغا مەشھۇر مۇزىكا شەھىرى. پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسى 8 مىليوندىن ئاشىدۇ، مۇسۇلمانلار نوپۇسى 700 مىڭ بولۇپ، تۈركىيەلىك مۇھاجىر مۇسۇلمانلار ئاساسلىق نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ، ئۇندىن باشقا ئوخشىمىغان ساندىكى بوسنىيەلىك، ئەرەب مۇسۇلمانلار ۋە ئاۋسترىيەلىك يەرلىك مۇسۇلمان قاتارلىقلار بار. دىنلاردىن ئاساسلىقى، كاتولىك دىنى، خىرىستىيان دىنى ۋە ئىسلام دىنى قاتارلىقلار بار. 1912-يىلى، ئىسلام دىنى ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانۇنلۇق دىن دەپ ئېتىراپ قىلىندى. ئاۋسترىيە ئىسلام دىنى ئىشلىرى ئورگىنى 1978-يىلى قۇرۇلغان، ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى ئېتىراپ قىلغان بىردىنبىر مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى تەشكىلاتى. 2016-يىلى يېڭى قارارلىق نۆۋەت ئالمىشىپ، ئىبراھىم ئورخۇن رەئىس بولۇپ سايلانغان. بۇ تەشكىلات ئاساسلىقى دىن ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش، دىنىي تەربىيەلەش، دىنىي دىيالوگ ۋە مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى نازارەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى قىلىدۇ. ھازىر پۈتۈن دۆلەت بويىچە 350 مەسچىت بار.

(رامىزان مىن جۈنچېڭ خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر