قاتار دىن ۋەقفە ۋە ئىسلام ئىشلىرى مىنىستىرى قەيس ئىبنى مۇبارەك كاۋارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ ئۆمەك باشلىقى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىچكى موڭغۇل ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سالىھ جىن جيەنخۇا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى قوشۇمچە خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مۇسا چېن يۈلۇڭ، ئىسلام جەمئىيىتى خەير-ساخاۋەت ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئوسمان خۇاڭ ۋېنجيەن، ئىلياس مايىخۇي قاتارلىقلار ئۆمەك ئەزاسى بولغان بەش كىشىلىك جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە قاتاردا 5 كۈنلۈك زىيارەتتە بولدى.
زىيارەت مەزگىلىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتار دىن ۋەقفە ۋە ئىسلام ئىشلىرى مىنىستىرى قەيس ئىبنى مۇبارەك كاۋار، قاتار دىن ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى خالىد شەيخ ئەيسا، قاتار دىن ۋەقفىسىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى خالىد ئىبنى مۇھەممەد، قاتار زاكات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ھاشىم ئىبنى مۇھەممەد قەيس قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە دوستانە سۆھبەت ئېلىپ باردى. ھەسەن ياڭ فامىڭ ئۇلارغا جۇڭگو ئىسلام دىنىنىڭ ئەھۋالى، دۆلىتىمىزنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت فۇنكسىيەسى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى. قاتار تەرەپمۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە قاتار دىن ۋەقفە ۋە ئىسلام ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىنىڭ خىزمەت فۇنكسىيەسى ھەمدە قاتار مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
(ئىلياس مايىخۇي خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)