باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مالايسىيا خەلقئارا قۇرئان تىلاۋەت مۇسابىقىسىگە قارىلارنى ئەۋەتتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-06-02   

2017-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە، مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئىككى نەپەر ماھىرنى (بىر ئەر، بىر ئايال) مالايسىيانىڭ پايتەختى كۇئالا لۇمپۇردا ئۆتكۈزۈلگەن 59-نۆۋەتلىك خەلقئارا قۇرئان كەرىم قىرائىتى ۋە ھاپىزلىق مۇسابىقىسىگە ئەۋەتتى.

بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە دۇنيادىكى 40 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 90 نەچچە نەپەر ماھىر تەكلىپ بىلەن قاتناشتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇسابىقىگە سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، لىۋان، ماراكەش، مالايسىيا، ئىيوردانىيە قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەتتىن 15 نەپەر قۇرئان كەرىم تەجۋىد ئالىملىرى باھالىغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىندى.

مۇسابىقە ئىككى قىسىم، تۆت گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ، قىرائەت قىسمى ئەر ۋە ئاياللار گۇرۇپپىسى؛ ھاپىزلىق قىسمى ئەر ۋە ئاياللار گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنۈپ ئېلىپ بېرىلدى. جۇڭگودىن كەلگەن ما تاۋ (ئەر) بىلەن خا بىڭشۆ (ئايال) ئايرىم-ئايرىم ھالدا قىرائەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. ئاخىرىدا سېنېگاللىق ماھىر ئەرلەر گۇرۇپپىسى قۇرئان كەرىم ھاپىزلىق مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى، نىگېرىيەلىك ماھىر ئاياللار گۇرۇپپىسى قۇرئان كەرىم ھاپىزلىق مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى. ئىرانلىق ماھىر ئەرلەر گۇرۇپپىسى قۇرئان كەرىم قىرائەت مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى، مالايسىيالىق ماھىر ئاياللار گۇرۇپپىسى قۇرئان كەرىم قىرائەت مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.

مۇسابىقە مەزگىلىدە، مالايسىيانىڭ ئەڭ يۇقىرى داھىيسى پادىشاھ مۇھەممەد  پادىشاھ قەسىرىدە كۈتۈۋېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ماھىرلارغا زىياپەت بەردى ھەمدە ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پادىشاھ مۇھەممەد ۋە مۇئاۋىن زۇڭلى زاھىد يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى، نەتىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

مالايسىيا ھەر يىلى خەلقئارالىق قۇرئان كەرىم قىرائىتى ۋە ھاپىزلىق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ مۇسابىقە مالايسىيانىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ئىسلام دىنى ساھەسى ھەمدە مۇسۇلمانلار ئاممىسى ئىچىدە زور تەسىرگە ئىگە، ھازىرغىچە  مالايسىيا بۇ تۈرلۈك مۇسابىقىدىن 59 قېتىملىقىنى غەلىبىلىك ئۆتكۈزدى. مۇنەۋۋەر ماھىرلارنى خەلقئارالىق قۇرئان قىرائەت مۇسابىقىلىرىگە ئەۋەتىش ئارقىلىق ماھىرلارنى خەلقئارالىق سەھنىدە ماھارەت كۆرسىتىش، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغىلى، شۇنداقلا ماھىرلارنى ئۆزئارا ئۆگىنىش ۋە تولۇقلاش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىپ ، ئۇلارنى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان قۇرئان كەرىم قىرائەت كەسپىي بىلىملىرى ۋە ئۇسۇللىرىغا ئېرىشتۈرگىلى، شۇ ئارقىلىق قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشىنىش ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرھال، مۆتىدىل ئىدىيەسى ۋە روھىنى تارقاتقىلى بولىدۇ.

(ئابدۇلھېكىم ماجي خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر