باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

2017-يىللىق چېگرا سىرتىدىكى ھەج مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋەزىپىنى تاماملاپ دۆلەتكە قايتىپ كەلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-05-17   

2017-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 14 كىشىدىن تەشكىللەنگەن چېگرا سىرتىدىكى ھەج مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنى 2017-يىللىق چېگرا سىرتىدىكى كوللېكتىپ تاماق بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئەۋەتتى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، چىڭخەي، نىڭشيا، يۈننەن، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھەجگە تەشكىللەش بۆلۈملىرى ھەمدە تاماق بىلەن تەمىنلەش شىركەتلىرى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى ئۆمەك بىلەن ئەۋەتتى.

خىزمەت گۇرۇپپىسى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى مەزگىلدە 2017-يىلى ھاجىلارنى چېگرا سىرتىدا كوللېكتىپ تاماق بىلەن تەمىنلەش ئىشىنى ئەمەلىيلەشتۈردى ھەمدە تاماق بىلەن تەمىنلەش توختامى ئىمزالىدى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئېلېكتىرونلۇق يول سىستېمىسى كۇرسىغا قاتناشتى، ئېلېكتىرونلۇق يول سىستېمىسى ئىچىدىكى بىر قىسىم رەسمىيەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈردى.

دۆلىتىمىزنىڭ جىددە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ يېتەكلىشى ۋە ياردەملىشىشى، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ھەر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، بۇ يىللىق ھەج خىزمىتى چېگرا سىرتىدىكى مۇلازىمەت خىزمىتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

(ئىبراھىم ما شيۇباڭ خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر