باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ھىندونېزىيە قۇرئان كەرىم يادلاش مۇسابىقىسىگە قارىيلارنى ئەۋەتتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-05-16   

2017-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە، ھىندونېزىيە دىن مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئۈچ كىشىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنى جاكارتاغا بېرىپ ھىندونېزىيە دىن مىنىستىرلىكى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى شاھزادە سۇلتان ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئالىسەئۇد خەيرى-ساخاۋەت تەشكىلاتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن ”8-نۆۋەتلىك ئاسىيا-ئاتلانتىك ئوكيان دۆلەتلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى شاھزادە سۇلتان ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئالىسەئۇد قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى ۋە ھەدىس شەرىف يادلاش مۇسابىقىسى“گە ئەۋەتتى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو، سەئۇدى ئەرەبىستانى شاھزادىسى خالىد ئىبنى سۇلتان ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. 5-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، زۇڭتۇڭ جوكو ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ۋە ماھىرلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەمدە سۆز قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەرنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ھەمدە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى شاھزادىسى خالىد بىلەن ھىندونېزىيە دىن مىنىستىرى لۇقۇما ھاكىم جاكارتا ۋىستىڭ مېھمانخانىسىدا يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە چەك تارتىش ئۇسۇلى قوللىنىلدى، باھالىغۇچىلار ماھىرلارنىڭ تاللىغان نومۇردىكى مەزمۇنغا ئاساسەن سوئال سوراش، ئۈن-سىنلارنى كۆرسىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن مۇسابىقىنىڭ ئۆلچەملىك، مەزمۇنلۇق ۋە كۆركەم بولۇشىنى گەۋدىلەندۈردى. يىغىن تەشكىلى ھەيئىتى سەئۇدى ئەرەبىستانى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى پەيغەمبەر مەسچىتىنىڭ ئىمامى، دوكتور شەيخ ئابدۇلمۇھسىن غاشىم، دوكتور شەيخ ئابدۇللا قارۇن ۋە سەئۇدى ئىمام مۇھەممەد ئىبنى سەئۇد ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدىن شەيخ ئابدۇلئەزىز قاتارلىق سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى داڭلىق قۇرئان كەرىم تەجۋىد ئالىملىرى مۇسابىقىنىڭ باھالىغۇچىلىقىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى. جۇڭگو، ھىندونېزىيە ، مالايسىيا، سىنگاپور، تايلاند، بىرۇنېي، فىلىپپىن، ئاۋسترالىيە ، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، بىرما، كامبودژا، شەرقىي تىمور، رۇسىيە ، بوسىنىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق 17 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 86 نەپەر ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشتى. مۇسابىقە ئايرىم-ئايرىم ھالدا قۇرئان كەرىمدىن 30 پارە، 20 پارە، 15 پارە، 10 پارە يادلاش ۋە ھەدىس يادلاشتىن ئىبارەت 5 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئېلىپ بېرىلدى. جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى ئەۋەتكەن مۇستاپا ئابدۇللا (ئۇيغۇر) بىلەن ما خۇيدوڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا قۇرئان كەرىمدىن 30 پارا يادلاش ۋە 10 پارا يادلاش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. ئاخىرىدا تايلاندتىن كەلگەن ماھىر قۇرئان كەرىمدىن 30 پارە يادلاش مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى، ھىندونېزىيەلىك ماھىر قۇرئان كەرىمدىن 20 پارە ۋە 10 پارە يادلاش مۇسابىقىسى ۋە ھەدىس شەرىف يادلاش مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى، فىلىپپىنلىق ماھىر قۇرئان كەرىمدىن 15 پارە يادلاش مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.

مۇسابىقە مەزگىلىدە، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى باشقا دۆلەتلەر ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ۋە مۇسابىقە ماھىرلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، ئۆمەك باشلىقى جاڭ ۋېنۋېي مۇسابىقىنىڭ تەشكىللىنىشى، مۇسابىقە كۈنتەرتىپى، مۇسابىقە مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىنىشى، باھالاش ئۆلچىمى، ئۈن-سىنلارنى كۆرسىتىش قاتارلىق ئىشلاردا مۇسابىقىگە تەشكىللەش ھەيئىتى ۋە باھالىغۇچىلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە سۆھبەتلەشتى.

(جاڭ ۋېنۋېي خەۋىرى؛ مۇھەممەدئابدۇللا ئۆمەر تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

يەنە >>سۈرەتلەر