باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئىراندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق قۇرئان مۇسابىقىسىگە قارىي ئەۋەتتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-05-15   

ئۆز خەۋىرىمىز: 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئەۋەتكەن ئىككى نەپەر قارىي ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىراننىڭ تېھران ۋە قۇم شەھىرىگە بېرىپ ”ئىران خەلقئارالىق قۇرئان تىلاۋەت مۇسابىقىسى“گە قاتناشتى.

ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن ”خەلقئارالىق قۇرئان تىلاۋەت مۇسابىقىسى“گە 65 دۆلەتتىن كەلگەن 140 ماھىر قاتناشقان بولۇپ، ئىرانلىق ماھىر بىرىنچىلىككە، ئىراق ۋە لىۋاندىن كەلگەن ماھىر ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچىلىككە، دۆلىتىمىز ماھىرى ئادەم ما فۇلى ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئىراننىڭ قۇم مۇستافا خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيۇشتۇرغان ”خەلقئارا قۇرئان تىلاۋەت مۇسابىقىسى“گە 30 دۆلەتتىن كەلگەن، 50 نەپەر ماھىر قاتنىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىرانلىق ماھىر بىرىنچىلىككە، ئافغانىستان ۋە ئەنگىلىيەدىن كەلگەن ئىككى نەپەر ماھىر ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچىلىككە، دۆلىتىمىز ماھىرى ئەھمەد گو بو ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

يېغىن ئاخىرىدا، ئىراننىڭ دىنىي داھىيسى خامىنىئي ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن بارلىق ماھىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

(ئابدۇلھەكىم ما جيې خەۋىرى؛ مۇھەممەدئەمىن مەخمۇت تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر