باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

2017-يىللىق ھەج خىزمىتى ۋەكىللىرى ئۆمىكى سەئۇدى ئەرەبىستانىنى زىيارەت قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-01-20   

 

2017-يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم باشچىلىقىدىكى 5 كىشىلىك جۇڭگو ھەج خىزمىتى ۋەكىللىرى ئۆمىكى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا 9 كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە بولدى ۋە مۆلچەرلەنگەن خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىدى. دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىمۇ بۇ ئۆمەككە ۋەكىل  قاتناشتۇردى. زىيارەت مەزگىلىدە ۋەكىللەر ئۆمىكى سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مەككە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھۈسەيىن شېرىپ بىلەن رەسمىي سۆھبەتلەشتى. مۇئاۋىن رەئىس ئادىل ھاجى كېرىم جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇل خادىملىرىغا بولغان قىزغىن سالامى ۋە تەشەككۈرىنى يەتكۈزدى، جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دوستانە مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى، دۆلىتىمىزنىڭ تەشكىللىك، پىلانلىق ھەج قىلىش سىياسىتىنى تەكىتلىدى، دۆلىتىمىزنىڭ 2017-يىللىق ھەجگە تەشكىللەش خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ ھەمكارلىشىشى، دۆلىتىمىز ھاجىلىرىغا قىلىدىغان مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش توغرۇلۇق كونكرېت تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھۈسەيىن شەرىف ئەپەندىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى جۇڭگو ھەج خىزمىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ ”جۇڭگو ھەج خىزمىتى ئۆمىكىنىڭ تەشكىللەش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى سىجىل يۈكسىلىۋاتىدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئورگىنى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمۇ داۋاملىق مۇستەھكەملىنىپ ھەم راۋاجلىنىپ يېڭى بىر باسقۇچقا كىردى.  بۇ تەرەققىياتلار سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى ۋە ھەر قايسى دۆلەت ھەج خىزمىتى ئورگانلىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، دوستلۇق ۋە چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەج ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرەيلى“ دېدى. سۆھبەت ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە بىرلىككە كەلدى ھەمدە سۆھبەت خاتىرىسى ئىمزالىدى.

زىيارەت مەزگىلىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى مەككە، مەدىنە ھەج ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنى، بىرلەشمە ۋاكالەت ئىشخانىسى، قاتناش-تىرانسپورت ئىشچىلار باش ئۇيۇشمىسى قاتارلىق مۇلازىمەت ئورگانلىرى بىلەن مۇلازىمەت كېلىشىمى ئىمزالىدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى، ئەلئەۋۋەل بانكىسى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئېلېكتىرونلۇق قانالنى باشقۇرۇش بۆلۈمى قاتارلىق ئورگانلارنى زىيارەت قىلىپ، ھەج ئايروپىلانىنىڭ مەدىنىگە بىۋاسىتە قونۇشى ۋە باشقا مۇلازىمەت خاراكتېرلىك خىزمەتلەر توغرۇلۇق كونكرېت مەسلىھەتلىشىپ، بەلگىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋەكىللەر يەنە ھاجىلار مەككە، مەدىنىگە تۇرىدىغان مېھمانخانىلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەدىنىدىكى مېھمانخانىلار بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە كېلىشىم ئىمزالىدى. (شەرىف گو ۋېيۋېي خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

 

يەنە >>سۈرەتلەر