باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللىرى تەكلىپكە بىنائەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن “مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇنبىرى” خەلقئارالىق يىغىنىغا قاتناشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-01-13   

 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇللا ئەمىن جىن رۇبىڭ قاتارلىق ئىككى ۋەكىل تەكلىپكە بىنائەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئابۇدەبىدە ئۆتكۈزۈلگەن ”مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇنبىرى“ 3-قېتىملىق خەلقئارالىق يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇلار يىغىن مەزگىلىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا، ”مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇنبىرى“نىڭ رەئىسى شەيخ ئابدۇللا بىن بەر ۋە باش كاتىپى ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىسلام ئىشلىرى مىنىستىرى دوكتور مۇھەممەد مەترۇ كەربى بىلەن كۆرۈشتى.

بۇ قېتىمقى يىغىن ”مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىكى دۆلەت ئۇقۇمى“ دېگەن تېمىدا بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سىياسىي ۋە دىنىي ساھەلەردىن كەلگەن 400 دىن ئارتۇق ئالىم-ئۆلىما قاتناشتى. ئۇلار بىرلىكتە ھازىرقى جىددىي خەلقئارا ۋەزىيەتتە، قانداق قىلغاندا دۆلەت بىلەن پۇقرا ئېڭى، دىن بىلەن دۆلەت مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلغىلى بولىدۇ؛ دەھرىي تۈزۈلمە(يەنى دىندىن خالى) دۆلەتلەردىكى ئىسلام دىنى بىلەن ئىسلام خاراكتېرىگە ئىگە ئىگە دەھرىي تۈزۈمدىكى(دىندىن خالى) دۆلەت ئۇقۇمى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى. يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا مۇسۇلمانلارنىڭ تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە رايون مۇقىملىقىنى قوغداشتا تۆھپىسى زور بولغان بىر قىسىم ئەللەردىن كەلگەن ۋەكىللەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يىغىننىڭ تەشەببۇسنامىسى ئېلان قىلىندى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقى مىنىستىرى شەيخ شاھزادە ئابدۇللا بىن زەيىد ئەلنىھايە، مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-پەن تەرەققىياتى مىنىستىرى شەيخ شاھزادە نىھايە بىن مۇبارەك ئەلنىھايە، دۆلەت تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرى شەيخ لۇبنا بىنت خالىد جاسىم، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى مۇھەممەد ئابدۇكېرىم ئىيسا، سۇداننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى، ئەنگلىيەنىڭ سابىق ئەدلىيە مىنىستىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ۋە مىسىر، سۇدان، پاكىستان، مۇرتانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىنى مىنىستىرى، ئەزھەرنىڭ مۇئاۋىن شەيخى، باش مۇفتىسى، ئەرەب ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە ياۋروپا، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىنى رەھبەرلىرى ۋە داڭلىق ئالىم-ئۆلىمالىرى يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىملىرىغا قاتناشتى.

(ئابدۇلھەكىم ما جيې خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئەمىن مەخمۇت تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

يەنە >>سۈرەتلەر