باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى ئۆمىكى ئىراندا زىيارەتتە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-12-23   

ئۆز خەۋىرىمىز: 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ھاجى بارات رەجەپ باشچىلىقىدىكى جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن بەش كىشىلىك زىيارەت ئۆمىكى تەكلىپكە بىنائەن ئىراندا تۆت كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە بولدى. زىيارەت جەريانىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىران مۇستافا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەرافىي ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. مۇستافا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارمىقى بولغان مەشھەد ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىسفاھان ئۇنىۋېرسىتېتى ، قۇم «قۇرئان كەرىم» باسما زاۋۇتى ۋە ئاياتۇللاھ مىرئاشى  قۇرئان كەرىم قەدىمىي قوليازمىلار كۇتۇپخانىسىنى زىيارەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىران ئىسلام ئۆلىمالىرى بىلەن ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سۆھبىتى ئىلىپ باردى. ئاخىرىدا مۇستافا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىران مۇستافا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەرافىي ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى.

ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇستافا ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو ئىشلىرى مەسئۇلى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئەۋەتكەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇستافا ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئىسفاھان ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرى ۋە شۇ يەردە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتتە بولدى.

ۋەكىللەر ئۆمىكى قۇم «قۇرئان كەرىم» باسما زاۋۇتىنى زىيارەت قىلدى.

ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىران مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىدىكى ئىسلام ئالىملىرى بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

(جەۋادىدىن ما لىچياڭ خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئەمىن مەخمۇت تەرجىمىسى)

 

يەنە >>سۈرەتلەر