باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

دۆلىتىمىز ھاجىلىرى ۋەتەنگە سالامەت قايتتى، دۆلەت سىرتىدىكى ھەج خىزمىتى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-10-12   

جۇڭگو ھەج ئىشلىرى باش ئۆمىكىنىڭ مەككەدىن بەرگەن خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ھاجىلار دۆلەت خەلقئارا ئاۋىئاتسىيەسى، شەرق ئاۋىئاتسىيەسى ۋە جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسى ھەج ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ بىر-بىرلەپ ۋەتەنگە قايتتى. 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، جۇڭگو ھەج ئۆمىكىدىكى ھاجىلار سانى مىڭدىن ئاشىدىغان يۈننەن، نىڭشيا، گەنسۇ، چىڭخەي، شىنجاڭ قاتارلىق رايونلارنىڭ ھاجىلىرى ھەج ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، ۋەتەنگە سالامەت قايتتى، بۇلار ئومۇمىي ھاجىلار سانىنىڭ 89 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ جەرياندا ھەج ئىشلىرى باش ئۆمىكى، ئۆلكىلىك ھەج ئىشلىرى ئۆمىكى ۋە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ”بىخەتەرلىك بىرىنچى، ۋەتەنگە قايتىش ئوڭۇشلۇق بولسۇن“ نىشانىغا ئەمەل قىلىپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئىشىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۆزئارا زىچ ماسلىشىپ، ھەر قايسى خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇردى.

 

 

 

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەسئۇللىرى ئايروپورتقا بېرىپ، چىڭخەي، گەنسۇ ھاجىلىرىنى ئۇزاتتى ھەمدە ئايروپورتتىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

2016-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاخشىمى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى ئۆمىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىككى نۆۋەتلىك ھەج ئايروپىلانىنى ئۇزاتتى. شۇنداق قىلىپ، دۆلىتىمىز ھەج خىزمىتى ئۆمىكىنىڭ دۆلەت سىرتىدىكى ھەج پائالىيىتى خىزمىتى پۈتۈنلەي ئاياغلاشتى.

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم باشچىلىقىدىكى جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا سالامەت يېتىپ كەلگەن كۈندىن تارتىپ 60 نەچچە كۈن ئىچىدە، ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ يېتەكچىلىكى، دۆلىتىمىزنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە كونسولخانىسىنىڭ رەھبەرلىكى، مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە ئۆلكە-شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى بىلەن ”بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ ھەج پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش“ خىزمەت نىشانىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، ”بارلىق تىرىشچانلىق ھاجىلار ئۈچۈن“ ئىدىيىسىگە ئەمەل قىلىپ، ”ھەج تاۋاب بىر دىنىي ئىبادەت ھەم مەدەنىي پائالىيەت“ نىشانىنى كۆزلەپ، ”ھەرقايسى ئۆمەك ئۆز ھاجىلىرىغا مەسئۇل بولۇش، خىزمەت سالمىقىنى تارماق ئۆمەكلەرگە چۈشۈرۈش“ ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت سىرتىدىكى بىخەتەرلىك ۋە يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى تولۇق مۆلچەرلەپ، خىزمەت ئۆمىكىدىكى خادىملارنى ئىنتىزام بويىچە باشقۇرۇپ، ھاجىلارغا قىزغىن مۇلازىمەت قىلىپ، بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىىپ، نۆۋەتچىلىك تۈزۈمىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئالدىنئالا پۇختا تەدبىر قوللىنىپ، ھەج پائالىيىتىگە تولۇق تەييارلىق قىلىپ، بۇ يىلقى دۆلەت سىرتىدىكى ھەج پائالىيىتى خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلاپ، تىنچ ھەج قىلىش، تەرتىپلىك ھەج قىلىش، مەدەنىي ھەج قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.

 

10-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ سائەت 6دە، دۆلىتىمىزنىڭ جىددەدە تۇرۇشلۇق باش كونسولخانىسىنىڭ مۇۋەققەت ۋەكىلى چېن يۆ، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مۇئاۋىن باشلىقى لى گې، ھاجى بارات رەجەپ، باش كاتىپ مۇسا چېن يۈلوڭ قاتارلىقلار ئايروپورتقا چىقىپ، ۋەتەنگە قايتىش ئالدىدا تۇرغان شەنشى ئۆمىكى ھاجىلىرىنى ئۇزاتتى.

10-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ سائەت 7دىن 20 ئۆتكەندە، دۆلىتىمىزنىڭ جىددەدە تۇرۇشلۇق كونسولخانىسى ۋە ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەسئۇللىرى ئەڭ ئاخىرقى ئايروپىلاندا ۋەتەنگە قايتىدىغان، بېيجىڭ، سەنشى، شەندۇڭ، تيەنجىن، جىلىن ھاجىلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىرلەشمە ئۆمەكنى ئۇزاتتى. شۇنداق قىلىپ، بۇ يىل دۆلىتىمىز مۇسۇلمانلىرى ھەج ئىبادەتلىرىنى تولۇق ئورۇنلاپ ۋەتەنگە سالامەت قايتتى، بىرمۇ ئادەم سەپەردىن قالمىدى ياكى دوختۇرخانىدا يېتىپ قالمىدى.

بۇ يىل دۇنيا بويىچە بىر مىليون، 860مىڭ كىشى ھەج قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستانى پۇقراسى بولمىغان ھاجىلار 1 مىليون 320مىڭ؛ دۆلىتىمىزدىن فۇجيەن، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەندىن باشقا 30 ئۆلكە(رايون، شەھەر)دىكى مۇسۇلمانلاردىن 14مىڭ 500 كىشى ھەج قىلدى. بۇ يىل تەييارلىقلار پۇختا، تەدبىرلەر دەل ۋاقتىدا ھەم ئۈنۈملۈك بولغاچقا چوڭ مەسىلىلەر كۆرۈلمىدى، ھاجىلىرىمىزدىن 6 كىشى ۋاپات بولدى، 16 كىشى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالاندى، ھەج پائالىيىتى داۋامىدا پەقەت 145 ھاجىغا ئىسسىق ئۆتۈپ قالدى، ئەمما بىرمۇ كىشى بۇ سەۋەپتىن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالمىدى. سۈرەتتە: نۆۋەت بىلەن بىلەن ئايروپىلان كۈتۈش سالونىغا كىرىۋاتقان ھاجىلار.

بۇ يىلقى ھەج خىزمىتىگە يەرلىك ئامما ۋە خىزمەتچىلەر يۇقىرى باھا بېرىپ، ”نەمۇنىلىك ھەج“، ”كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەج“ دەپ تەرىپلەشتى؛ سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج مۇلازىمىتى ئورگانلىرىمۇ جۇڭگو ھەج خىزمىتى ئۆمىكىگە يۇقىرى بېرىپ، ”ھەج مۇلازىمىتىدە دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ھەج ئۆمىكى“ قاتارىغا كىرگۈزدى. سۈرەتتە: ئايروپىلان كۈتۈش سالونىدا دەم ئېلىۋاتقان ھاجىلار.

10-ئاينىڭ 3-كۈنى، ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئومۇمىي ئەزالار يىغىنى ئاچتى ھەمدە سۆز قىلىپ، بۇ يىلقى دۆلەت سىرتىدىكى ھەج خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى. 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ھەج خىزمىتى ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى خالقئارالىق نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتتى. شۇنداق قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ بۇ يىلقى دۆلەت سىرتىدىكى ھەجگە تەشكىللەش، مۇلازىمەت خىزمىتى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى. سۈرەتتە: ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى مەككە مۇكەررەمەدىكى قارارگاھى ئالدىغا ئېسىلغان دۆلەت بايرىقى ئاستىدا مېھمانخانا خوجايىنى بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

(خەۋەر قىلغۇچى: شەمسىدىن مىن چاڭ، ئەھمەد جيا دۇڭ، مۇھەممەتئىمىن مەھمۇت؛ تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر