باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

ھاجىلىرىمىز ھەج پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ۋەتەنگە قايتىش سەپىرىنى باشلىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-09-21   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەككە مۇكەررەمەدىن بەرگەن خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋاقتى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ناماز بامداتتىن كېيىن، ھاجىلىرىمىز مىنادىكى چېدىردىن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ مەككە شەھرىدىكى مېھمانخانىغا بىر-بىرلەپ قايتتى، شۇنىڭ بىلەن بەش كۈنلۈك ھەج پائالىيىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى.

ھەج پائالىيىتى مەزگىلىدە ھەج خىزمىتى ئۆمىكىمىز ”بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ھەج پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاش“ نىشانىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى چۆرىدىگەن ئاساستا، ”ھەر قايسى ئۆلكىلىك ھەج خىزمىتى ئۆمىكى ئۆز ھاجىلىرىغا مەسئۇل بولۇش، خىزمەت سالمىقىنى ھەر قايسى ئۆمەككە چۈشۈرۈش“ ئۇسۇلىدا باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ”مىنا ۋە ئەرافاتتىكى ھەج پائالىيىتىنى چوقۇم ياخشى باشقۇرۇش، جىددىي ئەھۋالدىمۇ خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇش“نى چىڭ تۇتۇپ، ھاجىلارنى توشۇش، دىنىي يېتەكچىلىك، بىخەتەرلىك، ساقلىقنى ساقلاش ۋە ئارقا سەپ ئىشلىرىدا ھاجىلىرىمىزغا ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلدى. شۇنداقلا مىناغا چىقىش، ئەرافاتتا تۇرۇش، مۇزدەلىفەدە قونۇش، مىناغا قايتىش، شەيتانغا تاش ئېتىش، بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىش، سافا-مەرۋەدە سەئيى قىلىش قاتارلىق ھەج پائالىيەتلىرى داۋامىدا ھاجىلارنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ۋە بەلگىلەنگەن ئورۇندا ئىبادەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بەش قېتىملىق چوڭ يۆتكىلىشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. تەييارلىق پۇختا، ماسلاشتۇرۇش جايىدا بولغاچقا، جىددىي ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە دەرھال تەدبىر قوللىنىلغاچقا، پۈتكۈل مۇلازىمەت ئۈنۈملۈك بولدى، ھاجىلارغا ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىندى، كۆپچىلىك رازى بولدى، ھەر تەرەپ يۇقىرى باھا بەردى.

2016-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 لاردا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن 342 ھاجى مەككىدىكى مېھمانخانىدىن جىددە ئايروپورتىغا بېرىپ، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇچىدىغان CZ2078نۆۋەتلىك ھەج ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ۋەتەنگە يول ئالدى. ئۇلار بۇ يىل ھەج پائالىيىتىنى تۈگىتىپ تۇنجى تۈركۈمدە ۋەتەنگە قايتقان ھاجىلار ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۈنى يۈننەنلىك ھاجىلارمۇMU7912 نۆۋەتلىك ھەج ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتتى. شۇنداق قىلىپ، ھاجىلىرىمىزنىڭ ۋەتەنگە قايتىش سەپىرى باشلىنىپ كەتتى. ئالدىمىزدىكى ئون نەچچە كۈندە ھاجىلارنىڭ ھەممىسى 48 قېتىملىق ھەج ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتىدۇ.

9-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ جىددەدە تۇرۇشلۇق باش كونسولخانىسىنىڭ مۇۋەپپەقەت ۋەكىلى چېن يۆ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيتى ھەج خىزمىتى ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مۇئاۋىن باشلىقى لى گې، ھاجى بارات رەجەپ قاتارلىقلار جىددە ئايروپورتىغا بېرىپ ھاجىلىرىمىزنى ئۇزاتتى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەج ئىبادىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقىنى، مەدەنىي سۆز-ھەرىكىتى، ئېسىل ئەخلاق-پەزىلىتى بىلەن جۇڭگولۇق ھاجىلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. 60 نەچچە ياشلىق بىر يۈننەنلىك ھاجى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا: ”مەن ھەج قىلىشتىن ئىبارەت ئۆمۈرلۈك ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم. جۇڭگو ھەج خىزمىتى ئۆمىكى خادىملىرى بىزگە ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلدى ھەم كۆپ غەمخورلۇق قىلدى، ئۇلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن“ دېدى.

(ئەھمەد جيادۇڭ، يۈسۈپ جەۋۋاد ما لىچياڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

 

 

يەنە >>سۈرەتلەر